ئەردوغان مېركېل بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئانگېلا مېركېل بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى.

1368932
ئەردوغان مېركېل بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيى ئۇچۇر - ئالاقە ئىشلىرى باشقارمىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئەردوغان بىلەن مېركېلنىڭ تېلېفون سۆھبىتىدە، سۈرىيەنىڭ ئىدلىب رايونىدىكى يېقىنقى ئۆزگىرىشلەر، سۈرىيە كىرىزىسى، رايونلۇق مەسىلىلەردە ھەمكارلىق ئورنىتىش ۋە ئورتاق ھەرىكەت قىلىش ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلغان.

گېرمانىيە ھۆكۈمەت باياناتچىسى ستېففېن سېتبېرت تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا ئەسكەرتىلىشىچە، ئىدلىبتىكى يېقىنقى ئۆزگىرىشلەر ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلغان تېلېفون سۆھبىتىدە، مېركېل ئىدلىب ۋە ئەتراپىدا ھاياتىدىن ئايرىلغان تۈرك ئەسكەرلىرى ئۈچۈن ئەردوغانغا تەزىيە بىلدۈرگەن، تۈركىيە قىسىملىرىغا قىلىنغان ۋەھشىيلەرچە ھۇجۇمنى ئەيىبلىگەن، ھەمدە بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتى ۋە قوللىغۇچىلىرىغا ھۇجۇملارنى توختىتىش توغرۇلۇق چاقىرىقتا بولغان. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئىككى رەھبەر، ئۇرۇش توختىتىش مەسىلىسىدە دەرھال يېڭى كېلىشىم تۈزۈلۈشىنىڭ زۆرۈرلۈكى، بۇ ھەقتە ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە سىياسىي سۆھبەت ئۆتكۈزۈشكە باشلاشنىڭ مۇھىملىقى توغرۇلۇق بىردەكلىك ھاسىل قىلغان. مېركېل گېرمانىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئىدلىبتا يۇرت – ماكانلىرىدىن ئايرىلىپ قالغانلارغا ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم بېرىش مەسىلىسىدە ۋەدە بېرىدىغانلىقىنى جۇمھۇر رەئىس ئەردوغانغا يەتكۈزگەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر