ئەردوغان، ئىدلىبتىكى تۈركىيە ئەسكەرلىرىگە قىلىنغان ھۇجۇمغا مۇناسىۋەتلىك يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئىدلىبتىكى تۈركىيە ئەسكەرلىرىگە قىلىنغان ھۇجۇمغا مۇناسىۋەتلىك يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

1356890
ئەردوغان، ئىدلىبتىكى تۈركىيە ئەسكەرلىرىگە قىلىنغان ھۇجۇمغا مۇناسىۋەتلىك يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان رىياسەتچىلىكىدە يىغىن چاقىرىپ، سۈرىيە ھاكىمىيىتى كۈچلىرىنىڭ ئىدلىبقا ئەۋەتىلگەن ئارقا سەپ تۈرك ئەسكەرلىرىگە قىلغان ھۇجۇمىغا قارىتا تاشلىنىدىغان قەدەملەرنى مۇزاكىرە قىلدى.

يىغىندا، شېھىتلەرنىڭ قانلىرىنىڭ يەردە قالماسلىقى، ھۇجۇمغا ئوخشاش ئۇسۇلدا قايتۇرما زەربە بېرىلىشى قارار قىلىندى ۋە بۇ خىل ھۇجۇملارنىڭ، «توقۇنۇشلارنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى، چېگرا بىخەتەرلىكىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىشنى، يېڭى كۆچۈش دولقۇنى ۋە ئىنسانىي تىراگېدىيەنى توسۇپ قېلىشنى كۆزلەۋاتقان ئىدلىبتىكى تۈركىيە»نى بۇ قەتئىي ئىرادىسىدىن ۋاز كەچتۈرەلمەيدىغانلىقى تەكىتلەندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر