تۈركىيە نىگېرىيەدە يۈز بەرگەن تېررورلۇق ھۇجۇمىنى ئەيىبلىدى

تۈركىيە نىگېرىيەنىڭ بورنو ئۆلكىسىدە مەيدانغا كەلگەن تېررورلۇق ھۇجۇمىنى ئەيىبلىدى.

1356905
تۈركىيە نىگېرىيەدە يۈز بەرگەن تېررورلۇق ھۇجۇمىنى ئەيىبلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا مۇنداق دېيىلدى: «نىگېرىيەدىكى نۇرغۇن كىشىنىڭ جېنىغا زامىن  بولغان ۋە يارىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان تېررورلۇق ھۇجۇمىنى قاتتىق ئەيىبلەيمىز، ھۇجۇمدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلارغا ئاللاھ تائالادىن رەھمەت، يارىلانغانلارغا شىپالىق تىلەيمىز، نىگېرىيە خەلقى ۋە ھۆكۈمىتىگە تەزىيە بىلدۈرىمىز.»

تېررورلۇق تەشكىلاتى بوكو ھارامنىڭ بورنو ئۆلكىسىگە قاراشلىق قوندۇگا ريۇنىدا يۈك ئاپتوموبىللىرى ئۆتۈش  ئۈچۈن كۈتۈۋاتقاندا ئېلىپ بارغان ھۇجۇمىدا 20 كىشى قازا قىلغان، كۆپ ساندا كىشى يارىلانغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر