تۈركىيە: ئامېرىكىنىڭ ئاتالمىش «ئوتتۇرا شەرق پىلانى» ئۆلۈك تۇغۇلدى
تۈركىيە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ئاتالمىش «ئوتتۇرا شەرق پىلانى» نىڭ ئۆلۈك تۇغۇلغانلىقىنى بىلدۈردى.
![تۈركىيە: ئامېرىكىنىڭ ئاتالمىش «ئوتتۇرا شەرق پىلانى» ئۆلۈك تۇغۇلدى](http://cdn.trt.net.tr/images/xlarge/rectangle/74d1/503a/2929/5d1c4eddd0730.jpg?time=1718808724)
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا مۇنداق دېيىلدى: «بۇ پىلان كىرىزىسنى ئىككى دۆلەتلىك تۈزۈم ئارقىلىق ھەل قىلىش چارىسىنى ئۆلتۈرۈشنى ۋە پەلەستىن زېمىنلىرىنى بېسىۋېلىشنى نىشان قىلىدۇ. پەلەستىن خەلقى ۋە زېمىنىنى پۇل بىلەن سېتىۋېلىش مۇمكىن ئەمەس. قۇددۇس مەسىلىسى تۈركىيەنىڭ <قىزىل سىزىقى> دۇر، دەرۋەقە، بىزنىڭ ئىسرائىلىيەنىڭ ئىشغالىيىتى ۋە زۇلۇم – سىتەملىرىنىڭ قانۇنلاشتۇرۇلۇشىغا يول قويۇشىمىز ئەسلا مۇمكىن ئەمەس. ھەمىشە قېرىنداش پەلەستىن خەلقىنىڭ يېنىدا بولىمىز. پەلەستىن تېرروتېرىيەسىدە مۇستەقىل بىر پەلەستىن دۆلىتى قۇرۇش يولىدا داۋاملىق خىزمەت ئىشلەيمىز، پەلەستىن قوبۇل قىلمايدىغان ھېچقانداق بىر پىلاننى قوللىمايمىز. ئىسرائىلىيەنىڭ ئىشغال سىياسەتلىرى ئاخىرلاشماي تۇرۇپ ئوتتۇرا شەرقتە تىنچلىق ئورنىتىلىشى مۇمكىن ئەمەس.»
ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ ئاتالمىش «ئوتتۇرا شەرق پىلانى» نى ئېلان قىلغاندا، قۇددۇسنى ئىسرائىلىيەنىڭ مەڭگۈلۈك پايتەختى سۈپىتىدە ئېتىراپ قىلىدىغانلىقلىرىنى ۋە بۇ پىلاننىڭ پەلەستىنلىكلەر ئۈچۈن ئاخىرقى پۇرسەت ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەنىدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
![ئەردوغان پاشىنيان بىلەن تېلېفونلاشتى](http://cdn.trt.net.tr/images/medium/rectangle/17dc/85c7/62ef/667274aa8f555.jpg?time=1718808725)
ئەردوغان پاشىنيان بىلەن تېلېفونلاشتى
جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئەرمېنىيە باش مىنىستىرى نىكول پاشىنيان بىلەن تېلېفونلاشتى.
![تۈركىيە ئەزەربەيجاننىڭ كېلەچىكى ئۈچۈن ھەمنەپەس بولماقتا](http://cdn.trt.net.tr/images/medium/rectangle/6e67/9b77/98a9/66716af7bff4b.jpg?time=1718808725)
تۈركىيە ئەزەربەيجاننىڭ كېلەچىكى ئۈچۈن ھەمنەپەس بولماقتا
تۈركىيە دوست ۋە قېرىنداش دۆلەت ئەزەربەيجاننىڭمۇ كېلەچىكى ئۈچۈن ھەمنەپەس بولماقتا.