تۈركىيە پارلامېنتى باشلىقى ئاتالمىش «ئوتتۇرا شەرق پىلانى» غا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈردى

تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى باشلىقى مۇستافا شەنتوپ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان ئاتالمىش «ئوتتۇرا شەرق پىلانى» غا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈردى.

1349591
تۈركىيە پارلامېنتى باشلىقى ئاتالمىش «ئوتتۇرا شەرق پىلانى» غا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شەنتوپ ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Twitter سەھىپىسىدە بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا مۇنداق دېدى: «ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان ئاتالمىش <ئوتتۇرا شەرق پىلانى> پەلەستىن مەسىلىسىنى، قۇددۇسنىڭ قانۇنىي ئورنىنى چۈشىنىشتىن خالىي بىمەنە ئۇرۇنۇشتۇر. شۇڭا بۇ پىلان مەغلۇبىيەت بىلەن ئاخىرلىشىشقا مەھكۇمدۇر. تۈركىيەنىڭ پەلەسىتن مەسىلىسىگە تۇتۇۋاتقان پوزىتسىيەسى خەلقئارا قانۇن ۋە ھەق – ھوقۇق بەلگىلىمىلىرىگە ئاساسلىنىدۇ. قۇددۇس بىزنىڭ مەڭگۈلۈك قىزىل سىزىقىمىزدۇر.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر