ئەردوغان ياۋروپا ئىتتىپاقى كېڭىشى باشلىقى بىلەن كۆرۈشىدۇ
جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بۈگۈن (11- يانۋار، 2020) سائەت 14:30 دا ياۋروپا ئىتتىپاقى كېڭىشى باشلىقى چارلېس مىچېل بىلەن كۆرۈشىدۇ.
![ئەردوغان ياۋروپا ئىتتىپاقى كېڭىشى باشلىقى بىلەن كۆرۈشىدۇ](http://cdn.trt.net.tr/images/xlarge/rectangle/6794/597f/4e8c/5ddcc6a6884b5.jpg?time=1718838813)
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئۇچۇر – ئالاقە ئىشلىرى ئىدارىسى يازما بايانات ئېلان قىلىپ، جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ مىچېل بىلەن تۈركىيەدىكى خىزمەت زىيارىتى دائىرىسىدە ئىستانبۇلدا كۆرۈشۈپ، تۈركىيە – ياۋروپا ئىتتىپاقى مۇناسىۋەتلىرى باشتا بولۇپ رايونغا ئالاقىدار ئۆزگىرىشلەر توغرىسىدا سۆزلىشىشىنىڭ كۈتۈلۈۋاتقانلىقىنى ئۇقتۇردى.
يەنە بىر تەرەپتىن مىچېلنىڭ زىيارىتى، ياۋروپا ئىتتىپاقى يېڭى رەھبەرلىك ئاپپاراتىنىڭ تۈركىيەگە قىلغان ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك زىيارىتى ھېسابلىنىدۇ.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
![ئەردوغان پاشىنيان بىلەن تېلېفونلاشتى](http://cdn.trt.net.tr/images/medium/rectangle/17dc/85c7/62ef/667274aa8f555.jpg?time=1718838814)
ئەردوغان پاشىنيان بىلەن تېلېفونلاشتى
جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئەرمېنىيە باش مىنىستىرى نىكول پاشىنيان بىلەن تېلېفونلاشتى.
![تۈركىيە ئەزەربەيجاننىڭ كېلەچىكى ئۈچۈن ھەمنەپەس بولماقتا](http://cdn.trt.net.tr/images/medium/rectangle/6e67/9b77/98a9/66716af7bff4b.jpg?time=1718838814)
تۈركىيە ئەزەربەيجاننىڭ كېلەچىكى ئۈچۈن ھەمنەپەس بولماقتا
تۈركىيە دوست ۋە قېرىنداش دۆلەت ئەزەربەيجاننىڭمۇ كېلەچىكى ئۈچۈن ھەمنەپەس بولماقتا.