لىۋىيەگە ئەسكەر يوللاش قانۇن تەكلىپى بۈگۈن تۈركىيە پارلامېنتىدا ئاۋازغا قويۇلىدۇ
لىۋىيەگە ئەسكەر يوللاشقا ئالاقىدار جۇمھۇر رەئىسلىك قانۇن تەكلىپى بۈگۈن تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى (پارلامېنتى) ئومۇمىي كېڭىشىدە مۇزاكىرە قىلىنىدۇ.
![لىۋىيەگە ئەسكەر يوللاش قانۇن تەكلىپى بۈگۈن تۈركىيە پارلامېنتىدا ئاۋازغا قويۇلىدۇ](http://cdn.trt.net.tr/images/xlarge/rectangle/2867/2aa0/8593/5e0ae9bcef0da.jpg?time=1718550613)
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى (پارلامېنتى) ئومۇمىي كېڭىشىدە بۈگۈن چۈشتىن كېيىن سائەت 14:00 تە باشلىنىدىغان مۇزاكىرىلەردە، سىياسىي پارتىيە ۋەكىللىرىنىڭ نۇتۇقلىرىدىن كېيىن، ئاۋاز بېرىش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلىدۇ.
پارلامېنتتا لىۋىيەگە ئەسكەر يوللاشنىڭ نېمە ئۈچۈن ئېھتىياجلىق بولۇپ قالغانلىقى چۈشەندۈرۈلدى شۇنداقلا لىۋىيەدىكى توقۇنۇش ۋە تېررورىزم ئالاھىدە تەكىتلەندى.
بۇ توقۇنۇشلار ئىچكى ئۇرۇشقا ئايلىنىپ كەتكەن تەقدىردە، تۈركىيەنىڭ رايوندىكى مەنپەئەتلىرىگە سەلىبىي تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇش بېرىلدى.
قانۇن تەكلىپىدە، تۈركىيە ئەسكەرلىرىنىڭ لىۋىيەدىكى ۋەزىپە دائىرىسى ۋە چەك – چېگراسىنىڭ جۇمھۇر رەئىسلىك تەرىپىدىن بەلگىلنىدىغانلىقى ھەممىنىڭ دىققىتىنى تارتتى.
تۈركىيە ئەسكەرلىرىنىڭ 1 يىللىق مۇددەت بىلەن لىۋىيەگە يوللىنىشى ئۈچۈن ۋەزىپە ئۆتەش رۇخسىتى بېرىلىشى تەلەب قىلىندى.