تۈركىيە لىۋىيە مىللىي بىرلىك ھۆكۈمىتىنى قوللاشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ھامى ئاقسوي، تۈركىيەنىڭ ھازىرغىچە بولۇپ كەلگىنىدەك بۇنىڭدىن كېيىنمۇ لىۋىيەنىڭ قانۇنلۇق ۋەكىلى بولغان لىۋىيە مىللىي بىرلىك ھۆكۈمىتىنى قوللاشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

1332839
تۈركىيە لىۋىيە مىللىي بىرلىك ھۆكۈمىتىنى قوللاشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئۇ، ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقى كېڭىشى دائىمىي ۋەكىللىرىنىڭ لىۋىيەگە ئالاقىدار جىددىي يىغىنى توغرىسىدىكى بىر سوئالغا يازما ھالەتتە جاۋاب قايتۇردى؛ لىۋىيە مىللىي بىرلىك ھۆكۈمىتىنىڭ ب د ت  خەۋپسىزلىك كېڭىشى تەرىپىدىن لىۋىيەنىڭ بىردىنبىر قانۇنلۇق ۋەكىلى دەپ قارىلىدىغانلىقىغا ئىشارەت قىلغان ئاقسوي، بۇنىڭ ئەكسىچە ئىسيانچى ھافتەر تەرىپىدىن پايتەخت تىرابلۇسقا قارشى ئايلاردىن بۇيان سىرتنىڭ ھەربىي ياردىمىگە تايانغان ھالدا داۋاملاشتۇرۇلۇۋاتقان ھۇجۇملارغا قارىتا ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ سۈكۈت قىلىش  يولىنى تاللىغانلىقىنى، كەسكىن شۇنداقلا خەلقئارادىكى قانۇنلۇق تەرەپنىڭ يېنىدا ئىكەنلىكىنى ئىپادىلەيدىغان پوزىتسىيەدە بولمىغانلىقىنى خاتىرىلىتىپ ئۆتتى.

ئۇ، تۈركىيەنىڭ لىۋىيە مەسىلىسىگە سىياسىي چارە تېپىلىشى ئۈچۈن ئالدى بىلەن ھۇجۇملارنىڭ توختىتىلىشى ۋە دەرھال تولۇق ئۇرۇش توختىتىش ئېلان قىلىنىشى لازىملىقىنى باشتىن تارتىپ ئوتتۇرىغا قويۇپ كەلگەنلىكىنى ئەسكەرتتى ۋە سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، «تۈركىيە - ھازىرغىچە بولۇپ كەلگىنىدەك - بۇنىڭدىن كېيىنمۇ لىۋىيەنىڭ قانۇنلۇق ۋەكىلى بولغان لىۋىيە مىللىي بىرلىك ھۆكۈمىتىنى قوللاشنى داۋاملاشتۇرىدۇ؛ لىۋىيە خەلقىنىڭ ئۈزۈل – كېسىل تىنچلىق ۋە مۇقىملىققا ئېرىشىشى ئۈچۈن ھەرتۈرلۈك تىرىشچانلىقنى كۆرسىتىشنى داۋاملاشتۇرىدۇ» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر