تېررورچىلار تۈركىيە خەۋپسىزلىك كۈچلىرىگە تەسلىم بولۇشنى داۋاملاشتۇرماقتا

بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ ئىراقنىڭ شىمالى ۋە سۈرىيەدىكى پاناھلىنىش ئورۇنلىرىدىن قاچقان تېررورچىلار تۈركىيە خەۋپسىزلىك كۈچلىرىگە تەسلىم بولۇشنى داۋاملاشتۇرماقتا.

1332021
تېررورچىلار تۈركىيە خەۋپسىزلىك كۈچلىرىگە تەسلىم بولۇشنى داۋاملاشتۇرماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ ئىراقنىڭ شىمالى ۋە سۈرىيەدىكى پاناھلىنىش ئورۇنلىرىدىن قاچقان 4 ئەزاسى سىلوپىدا، پ ك ك / ي پ گ ئەزاسى بىر تېررورچى بولسا، قىزىلتەپەدە خەۋپسىزلىك كۈچلىرىگە تەسلىم بولدى.

دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى بايانات بېرىپ، پ ك ك  تېررورلۇق تەشكىلاتى سېپىدىكى يىمىرىلىشنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىغا ئىشارەت قىلغان ھالدا، « ئىراقنىڭ شىمالى ۋە سۈرىيەدىكى پاناھلىنىش ئورۇنلىرىدىن قاچقان 4 ئەزاسى سىلوپىدا، پ ك ك / ي پ گ ئەزاسى بىر تېررورچى بولسا، قىزىلتەپەدىكى چېگرا مۇداپىئە مەركىزىمىزگە تەسلىم بولدى» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر