تۈركىيە سومالىدا يۈز بەرگەن تېررورلۇق ھۇجۇمىنى ئەيىبلىدى

تۈركىيە، تۈنۈگۈن سومالىنىڭ پايتەختى موقدىشۇدا مەيدانغا كەلگەن ئاپتوموبىل بومبا ھۇجۇمىنى ئەيىبلىدى ۋە ئۇنى سادىر قىلغۇچىلارغا لەنەت ئوقۇدى.

1331218
تۈركىيە سومالىدا يۈز بەرگەن تېررورلۇق ھۇجۇمىنى ئەيىبلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى يازما بايانات ئېلان قىلىپ، تۈنۈگۈن موقدىشۇدا ئاپتوموبىل بومبا بىلەن سادىر قىلىنىپ، 2 تۈركنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كۆپ ساندا ئادەمنىڭ جېنىدىن ئايرىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان تېررورلۇق ھۇجۇمىنى قاتتىق ئەيىبلەيدىغانلىقىنى ۋە ئۇنىڭغا لەنەت ئوقۇيدىغانلىقىنى بىلدۈردى. باياناتتا؛ «ھۇجۇمدا جېنىدىن ئايرىلغان پۇقرالىرىمىزنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا، قېرىنداش سومالى خەلقى ۋە ھۆكۈمىتىگە تەزىيە بىلدۈرىمىز، جېنىدىن ئايرىلغانلارغا ئاللاھتىن رەھمەت، يارىدارلارغا تېز شىپالىقلار تىلەيمىز» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.

ھۇجۇمدا يارىلانغان سومالىقلارنى داۋالاش ئۈچۈن تۈركىيەگە ئېلىپ كېلىش مەقسىتىدە بىر ھەربىي يۈرك ئايروپىلانىنىڭ موقدىشۇغا قاراپ يولغا چىققانلىقى ئەسكەرتىلگەن باياناتتا، «تېررورىزمغا قارشى كۈرەشتە خەلقئارا مىقياسىدا ھەمكارلىق ئورنىتىشنىڭ ئەھمىيىتىنى ھەردائىم تەكىتلەپ كېلىۋاتقان، بۇ ھۇجۇمدا ئىككى پۇقراسى تېررورغا قۇربان بولۇپ كەتكەن تۈركىيە، سومالىدا تىنچلىق ۋە مۇقىملىقنىڭ بالدۇرراق تەسىس قىلىنىشى ئۈچۈن ھازىرغىچە نامايان قىلىپ كەلگەن قوللىشىنى ۋە دۆلەتنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ھازىرغىچە بېرىپ كېلىۋاتقان ياردىمىنى شۇنداقلا قېرىنداش سومالى خەلقى ۋە ھۆكۈمىتىنىڭ يېنىدا تۇرۇشنى قەتئىي داۋاملاشتۇرىدۇ» دېيىلدى.

بۇ جەرياندا تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى (پارلامېنتى) باشلىقى مۇستافا شەنتوپمۇ ھۇجۇمنى ئەيىبلەپ، «بۇ ئازابلىق ۋەقە تۈركىيەنىڭ تېررورىزمغا قارشى كۈرىشىنىڭ ئورۇنلۇقلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ» دېدى.

ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى باياناتچىسى ئۆمەر چەلىك بولسا، تېررورنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغانلارغا تەزىيە بىلدۈردى ۋە تۈركىيەنىڭ سومالىنىڭ يېنىدا تۇرىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.

دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىمۇ، تېررورلۇق ھۇجۇمى ۋە ئۇنىڭ جاۋابكارلىرىنى ئەيىبلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر