تۈركىيەدە پاناھلىنىۋاتقان چەت ئەللىكلەرگە جىددى ئۇقتۇرۇش
تۈركىيەنىڭ چەت ئەللىكلەرنى ۋاقىتلىق قوغداش بەلگىلىمىسىگە ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈلدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيەدە ۋاقىتلىق قوغدىنىش سالاھىيىتىگە ئىگە بولغان چەت ئەللىكلەر دوكلات قىلىش ۋەزىپسىنى سەۋەبسىز، ئارقىمۇ ئارقىدىن 3 قېتىم ئورۇندىمىغان تەقدىردە، ۋالىي مەھكىمىسى تەرىپىدىن ۋاقىتلىق قوغدىنىش سالاھىيىتى ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدۇ.
رەسمىي گېزىتنىڭ بۈگۈنكى سانىدا ۋاقىتلىق قوغداش بەلگىلىمىسىگە ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈلگەنلىكىگە دائىر ئۇقتۇرۇش ئېلان قىلىندى.
تۈركىيەدە ۋاقىتلىق قوغدىنىش سالاھىيىتىگە ئىگە بولغان چەت ئەللىكلەرنىڭ ئاساسلىق سەھىيە مۇلازىمىتى ۋە جىددىي داۋالاش مۇزالازىمەتلىرىگە شۇنداقلا بۇ دائىرىدىكى داۋالىنىشى ۋە دورىلىرىغا سەھىيە مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن بەلگىلەنگەن مىقدار ۋە نىسبەت بويىچە تۆۋەن ئۆچەمدە ھەق ئېلىنسا بولىدۇ.
ۋاقىتلىق قوغدىنىش سالاھىيىتىگە ئىگە چەت ئەللىكلەر ئۈچۈن ئومۇمىي مائارىپ خىزمەتلىرى دائىرىسىدە، بىلىم ئاشۇرۇش، جەمئىيەت، كۈلتۈر، كەسپ، تېخنىكا، سەنئەت ۋە تەنتەربىيە ساھەلىرى بويىچە تەلەپكە بىنائەن كۇرسلار ئېچىپ بېرىلىدۇ.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
ئەردوغان پاشىنيان بىلەن تېلېفونلاشتى
جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئەرمېنىيە باش مىنىستىرى نىكول پاشىنيان بىلەن تېلېفونلاشتى.
تۈركىيە ئەزەربەيجاننىڭ كېلەچىكى ئۈچۈن ھەمنەپەس بولماقتا
تۈركىيە دوست ۋە قېرىنداش دۆلەت ئەزەربەيجاننىڭمۇ كېلەچىكى ئۈچۈن ھەمنەپەس بولماقتا.