رەسۇلەيندە قول بومبىسى ياشاشتا ئىشلىتىلىدىغان ماتېرىياللار پاچاقلاپ تاشلاندى
سۈرىيەنيىڭ رەسۇلەين شەھىرىنىڭ ئەربەئىن يېزىسىدا تېررورلۇق تەشكىلاتىغا ئائىت قول بومبىسى ياساش ئۇۋىسى پاچاقلاپ تاشلاندى.
1329456
![رەسۇلەيندە قول بومبىسى ياشاشتا ئىشلىتىلىدىغان ماتېرىياللار پاچاقلاپ تاشلاندى](http://cdn.trt.net.tr/images/xlarge/rectangle/2fae/43b4/c54d/5e031faf54a7a.jpg?time=1718600400)
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، تۈركىيە ئارمىيەسى قول بومبىسى، پارتلاتقۇچ قاتارلىقلارنى ئېنىقلاپ چىقىش ۋە پاچاقلاپ تاشلاش ئەترەتلىرى تەرىپىدىن «<تىنچلىق بۇلىقى> ھەربىي ھەرىكىتى» رايونىدىكى رەسۇلەيننىڭ ئەربەئىن يېزىسىدا، بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك/ي پ گ گە ئائىت قول بومبىسى ياساش ئۇۋىسى ۋە ماتېرىياللىرى ئېنىقلاپ چىقىلىپ، پاچاقلاپ تاشلانغان.