ئوقتاي: تۈركىيەنىڭ مەنپەئەتلىرى نېمىنى تەلەپ قىلسا شۇ يۆنىلىشتە ھەرىكەت قىلىمىز

جۇمھۇر رەئىس ياردەمچىسى فۇئات ئوقتاي، «خەلقئارا سەھنىدە تۈركىيەنىڭ مەنپەئەتلىرى ئۈچۈن ھېساب بەرمەيمىز، ھېساب سورايمىز» دېدى.

1325277
ئوقتاي: تۈركىيەنىڭ مەنپەئەتلىرى نېمىنى تەلەپ قىلسا شۇ يۆنىلىشتە ھەرىكەت قىلىمىز

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: فۇئات ئوقتاي تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى ئومۇمىي كېڭىشىدە سۆز قىلىپ، تۈركىيەنىڭ مەنپەئەتلىرىنى نېمىنى تەلەپ قىلسا، شۇنىڭغا ئاساسەن ھەرىكەت قىلغانلىقلىرىنى تەكىتلىدى.

«خەلقئارا سەھنىدە تۈركىيەنىڭ مەنپەئەتلىرى ئۈچۈن ھېساب بەرمەيمىز، ھېساب سورايمىز» دېگەن ئوقتاي، سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، «مەيلى چېگرا سىرتىدا ھەرىكەت ئېلىپ بېرىش، مەيلى ئەسكەر ئەۋەتىش بولسۇن، مەيلى شەرقىي ئاقدېڭىزدا بۇرغىلاش بولسۇن،  نېمە قىلىشقا توغرا كەلسە ئۇنى قىلىمىز، قىلىۋاتىمىز» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر