ئەردوغان مالايشىيادا زىيارەتتە بولىدۇ

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، باش مىنىستىر ماھاتىر مۇھەممەدنىڭ تەكپىلىگە بىنائەن مالايشىيادا زىيارەتتە بولىدۇ.

1323507
ئەردوغان مالايشىيادا زىيارەتتە بولىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، مالايشىيا باش مىنىستىرى ماھاتىر مۇھەممەدنىڭ تەكپىلىگە بىنائەن 18-، 19 – دېكابىر كۈنلىرى چاقىرىلىدىغان «ئىسلام ئالەمى دۇچ كېلىۋاتقان مەسىلىلەر» مۇزاكىرە قىلىنىدىغان كۇالا لۇمپۇر باشلىقلار يىغىنىغا ئىشتىراك قىلىش ئۈچۈن مالايشىياغا بارىدۇ.

«مۇستەقىللىق، تەرەققىيات، ياخشى باشقۇرۇش، كۈلتۈر ۋە كىملىك، ئادالەت ۋە ئەركىنلىك» دېگەن تېما ئاستىدا چاقىرىلىدىغان يىغىن دائىرىسىدە باشلىقلار، «تەرەققىيات باشلامچىلىقى ۋە قىيىنچىلىقلار» تېمىسى ئاستىدا يۇمىلاق ئۈستەل يىغىنى ئېچىپ ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرىدۇ.

يىغىنغا تۈركىيە بىلەن مالايشىيادىن باشقا قاتار، ئىران، پاكىستان ۋە ھىندونېزىيەنىڭ ۋەكىللىرىمۇ قاتنىشىدۇ. ئەردوغاننىڭ مالايشىيا پادىشاھى ۋە باش مىنىستىرى بولۇپ يىغىنغا قاتنىشىشى پىلانلىنىۋاتقان رەھبەرلىرى بىلەنمۇ كۆرۈشۈشى تەخمىن قىلىنماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر