ئەردوغان شاھ مەھمۇد قۇرەشىنى قوبۇل قىلدى
جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، پاكىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى شاھ مەھمۇد قۇرەشىنى قوبۇل قىلدى.
1320518
![ئەردوغان شاھ مەھمۇد قۇرەشىنى قوبۇل قىلدى](http://cdn.trt.net.tr/images/xlarge/rectangle/2b38/03d6/150d/5def39dcd655b.jpg?time=1718877108)
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، تۈنۈگۈن دولماباھچە سارىيىدا «ئاسىيانىڭ قەلبى - ئىستانبۇل مۇساپىسىنىڭ 8 – نۆۋەتلىك مىنىستىرلار يىغىنى» غا ئىشتىراك قىلىش ئۈچۈن تۈركىيەگە كەلگەن پاكىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى شاھ مەھمۇد قۇرەشىنى قوبۇل قىلدى، ئۇچرىشىش يېپىق شەكىلدە ئۆتكۈزۈلدى.