ئەردوغان تۈركىيەگە قايتتى

تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بۈگۈن (6-دېكابىر) ناتو دۆلەت باشلىقلىرى يىغىنىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ تۈركىيەگە قايتتى.

1318729
ئەردوغان تۈركىيەگە قايتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن ئۇنىڭغا ھەمراھ بولغان ھەيئەت ئولتۇرغان مەخسۇس ئايروپىلان ئەنقەرە ۋاقتى 40: 00 تا ئەنقەرە ئەسەنبوغا ئايرودۇرۇمىغا قوندى.

مۇئاۋىن جۇمھۇر رەئىس فۇئات ئوكتاي، ئەنقەرە ۋالىيسى ۋاسىپ شاھىن، ئەنقەرە ساقچى ئىدارىسى باشلىقى سەرۋەت يىلماز ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك كىشىلەر، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننى ئايرودۇرۇمدا كۈتۈۋالدى.

رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ رەپىقىسى ئەمىنە ئەردوغان، خەزىنە ۋە مالىيە مىنىستىرى بەرات ئالبايراك، دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ھۇلۇسى ئاكار، ياشلىق ۋە تەنتەربىيە مىنىستىرى مەھمەت مۇىھاررەم كاساپئوغلۇ، ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىنىڭ باياناتچىسى ئۆمەر چەلىك، پارلامېنت ئەزاسى بىنالى يىلدىرىم، جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيى ئۇچۇر-ئالاقە ئىدارىسى باشلىقى فاھرەتتىن ئالتۇن ۋە جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيى باياناتچىسى ئىبراھىم كالىن قاتارلىق كىشىلەرمۇ ئەردوغان بىلەن بىرگە قايتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر