تۈركىيە ياردەم ئەترىتى ئالبانىيەگە يېتىپ باردى

تۈنۈگۈن ئالبانىيەدە يۈز بەرگەن يەر تەۋرەشتە 24 كىشى ھاياتىدىن ئايرىغلان بولۇپ، تۈركىيە ياردەم ئەترىتى دىراچ شەھىرىگە يېتىپ بېرىپ، بىنا خارابىلىقلىرى ئاستىدىن ئىزدەپ قۇتقۇزۇش خىزمەتلىرىنى باشلىۋەتتى.

1313367
تۈركىيە ياردەم ئەترىتى ئالبانىيەگە يېتىپ باردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ئاپەت ۋە جىددىي ھالەتلەرگە تاقابىل تۇرۇش باشقارمىسىنىڭ باشچىلىقىدىكى ئىزدەپ قۇتقۇزۇش ئەترىتى ئالبانىيەدە خارابىلىق ئاستىنى تىڭشاش ئۈسكىنىسى بىلەن خىزمەت قىلىشنى باشلىدى.

تۈركىيە ئەترىتىنىڭ نۆۋەتلەشكەن ھالدا ئۈزلۈكسىز خىزمەت قىلىشى پىلانلانغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

ئالبانىيەدە يەر تەۋرەش سەۋەبىدىن بەزى بىنالارنىڭ ئېغىر زىيانغا ئۇچرىغانلىقىغا دائىر كۆرۈنۈشلەر تارقىتىلدى.

تۈنگۈن ئالبانىيە ۋاقىتى 03:55 ئۆتكەندە يۈز بەرگەن دىراچ شەھىرى مەركەزلىك 6.4 بال يەر تەۋرەش سەۋەبىدىن تۈركىيە قىزىل ئاي جەمئىيىتى ئەترىتى بوسنىيە - گىرېتسىگوۋېنادىن نەخ مەيدانغا يېتىپ باردى ۋە چېدىر قۇرۇپ يەرتەۋرشنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغانلارغا تىببىي مۇلازىمەت قىلىشنى باشلىدى.

يەر تەۋرەشتە ھازىرغا قەدەر 24 كىشى ئۆلۈپ، 600 دىن كۆپرەك كىشى يارىدار بولدى. 

چوڭ يەر تەۋرەشتىن كېيىنن ئەڭ چوڭى 5.5 بال بولغان 250 قتىمدىن كۆپرەك قوشۇمچە يەر تۋرەشلەرنىڭمۇ يۈز بەرگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر