ئەردوغان: ھېچكىم تۈركىيەنىڭ پارس قولتۇقى رايونىدىكى مەۋجۇدىيىتىدىن بىئارام بولماسلىقى كېرەك

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، تۈركىيە – قاتار بىرلەشمە قىسىملار قوماندانلىقى توغرىسىدا توختىلىپ، «ھېچكىم دۆلىتىمىزنىڭ بۇ رايوندىكى مەۋجۇدىيىتىدىن بىئارام بولماسلىقى كېرەك» دېدى.

1312302
ئەردوغان: ھېچكىم تۈركىيەنىڭ پارس قولتۇقى رايونىدىكى مەۋجۇدىيىتىدىن بىئارام بولماسلىقى كېرەك

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان قاتاردىكى دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتى دائىرىسىدە، تۈركىيە – قاتار بىرلەشمە قىسىملار قوماندانلىقى – تارىق بىن زىياد ھەربىي گازارمىسىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى ۋە ئۇ يەردە سۆز قىلىپ، چېگرا ئىچى – سىرتىدا تۈركىيەنىڭ مەۋجۇدىيىتى، دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىكى، دوست ۋە قېرىنداش دۆلەتلەرنىڭ خاتىرجەملىكى ئۈچۈن پىداكارلىق بىلەن خىزمەت قىلىۋاتقان بارلىق خەۋپسىزلىك كۈچلىرىگە ئاللاھتىن غەلىبە – مۇۋەپپەقىيەت تىلىگەن ھالدا «سىلەر بۇ يەردە 2200 يىللىق ئۆتمۈشى بىلەن دۇنيانىڭ ئەڭ ئۇزۇن تارىخقا ئىگە ئارمىيەلىرىدىن بولغان تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ شەرەپلىك ئەزالىرى سۈپىتىدە ۋەزىپە ئۆتەۋاتىسىلەر. شۇنداقلا سىلەرنىڭ ھەربىرىڭلار تۈرك مىللىتىنىڭ ۋەكىللىرى سۈپىتىدە بۇ يەردە تۇرۇۋاتىسىلەر. تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى ۋە باش قوماندان سۈپىتىدە ئايرىم – ئايرىم ھالدا ھەممىڭلارنىڭ كۆزلىرىگە سۆيىمەن» دېدى.

قاتار بىلەن ھەربىي، خەۋپسىزلىك ۋە مۇداپىئە سانائىتى ساھەسىدىكى ئورتاق لايىھەلەرنىڭ ئىككى تەرەپ مۇناسىۋەتلىرىنىڭ ئۇمۇرتقىسىنى شەكىللەندۈرىدىغانلىقىغا ئىشارەت قىلغان ئەردوغان سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، «قاتارنىڭ بىخەتەرلىكىنى دۆلىتىمىزنىڭ بىخەتەرلىكىدىن قەتئىي پەرقلىق دەپ قارىمايمىز. سىلەر قاتارنىڭ ھەربىي ئورگانلىرىنىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇلۇشى، ھەربىي مەشىق ۋە تەلىم – تەربىيە ساھەسىدىكى ھەمكارلىقنى كۆپ خىللاشتۇرۇپ مانېۋىر ۋە تەربىيەلەش ۋاسىتىلىرى ئارقىلىق مۇداپىئە ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن بۇ زېمىنلاردا تۇرۇۋاتىسىلەر. مەۋجۇدىيىتىڭلار ئارقىلىق پارس قولتۇقى دۆلەتلىرىدە 2017 – يىلى باش كۆتۈرگەن كىرىزىستىن كېيىن قاتارلىق قېرىنداشلىرىڭلارنىڭ خاتىرجەملىك ۋە ئامانلىقىنىڭ كاپالىتى بولدۇڭلار. ھەرىكەت ۋە پەزىلىتىڭلار بىلەن قاتار خەلقىنىڭ كۆڭلىدە تەخت قۇردۇڭلار» دېدى.

تارىخىنىڭ ھېچبىر باسقۇچىدا دوستلىرىنى تەھدىتلەر ۋە خەۋپلەر ئالدىدا يالغۇز تاشلاپ قويمىغانلىقلىرىنى ۋە قويمايدىغانلىقلىرىنى بىلدۈرگەن ئەردوغان، «تۈركىيە بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، ئۇزۇنغا سۇزۇلغان مۇناسىۋەتلىرىمىز بولغان پارس قولتۇقى رايونىنىڭ تىنچلىق، بىخەتەرلىك ۋە مۇقىملىقىغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىمىز. بۇ رايوننىڭ خاتىرجەملىكىنىڭ پۈتكۈل ئوتتۇرا شەرقنىڭ مۇقىملىقىغا نىسبەتەن ئاچقۇچلۇق رول ئوينايدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز. شۇڭا سىلەرنىڭ بۇ يەردىكى مەۋجۇدىيىتىڭلار پەقەت قېرىنداش قاتارنىڭلا ئەمەس، پۈتكۈل پارس قولتۇقى رايونىنىڭ مۇقىملىقىغا ۋە تىنچلىقىغا خىزمەت قىلىشتۇر. ھېچكىم دۆلىتىمىزنىڭ بۇ رايوندىكى مەۋجۇدىيىتىدىن بىئارام بولماسلىقى كېرەك» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

ئەردوغان قاتاردىكى زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ تۈركىيەگە قايتىپ كەلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر