ھېكو ماس: تۈركىيەنىڭ ياۋروپادىن ئۇزاقلاشماسلىقى، ياۋروپا ئۈچۈن پايدىلىق

گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ھېكو ماس شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى (ناتو) دا مۇھىم ئىتتىپاقداشلارنىڭ بىرسى بولغان تۈركىينىڭ ياۋروپادىن ئۇزاقلاشماسلىقى، ياۋروپا ئۈچۈن پايدىلىق بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

1309712
ھېكو ماس: تۈركىيەنىڭ ياۋروپادىن ئۇزاقلاشماسلىقى، ياۋروپا ئۈچۈن پايدىلىق

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ھېكو ماس دېلفى خەۋەرلەر تورىغا بەرگەن باياناتىدا، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى (ناتو) غا دائىر تالاش تارتىشلار ئۈستىدە توختالدى.

ھېكو ماس تۈركىيەنىڭ تىنچلىق بۇلىقى ھەرىكىتى ھەققىدە توختىلىپ، سۈريەنىڭ شىمالىدىكى ۋەزىيەتنىڭ ئىنتتايىن ئەھمىيەت بېرىلگەن مەسىلىلەرنىڭ بىرسى ئىكەنلىكىنى ئىما قىلغان ھالدا، «شۇڭا ھازىر شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى (ناتو) تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى بىلەن ئۇچرىشىلىرىمىز ياخشى بولىۋاتىدۇ. ھازىر تۈركىيە بىلەن ئوخسىماسىلقلار بولسىمۇ، بىراق شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى (ناتو) دىكى مۇھىم شېرىكلىرىمىزدىن بىرسى بولغان تۈركىيەنىڭ ياۋروپادىن ئۇزاقلاشماسلىقى، بىزگە پايدىلىق» دېدى. 

ھېكو ماس فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ماكروننىڭ «ناتونىڭ مېڭىسى ئۆلدى» دېگەن قارىشىنىڭ ئەكسىچە ئۆزىنىڭ «ناتونى تېخىمۇ كۈچلەندۈرىدىغان بىر مىخانىزم پايدىلىق بولىدۇ» دەپ قارايدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ھېكو ماس ناتونى تېخىمۇ كۈچەيتىدىغان ياۋروپاچە بىر ئاساسىي قۇرۇلمىغا ئېھتىياج بارلىقىنى تەكىتلەپ، «تەبىئىي ھالدا ياۋروپا ئۆزىنىڭ بىخەتەرلىكى ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ مەسئۇليەتنى ئۈستىگە ئېلىشى لازىم. شۇ ۋەجىدىن بىخەتەرلىك سىياسەتلىرىدە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئېلىنىدىغان توغرا قارار، بۇ ناتونىڭ ئورنىغا تىكلىنىدىغان يېڭى قۇرۇلما بىلەن ئەمەس، بەلكى ناتونى تولۇق كۈچەيتىدىغان بىر قۇرۇلىمىغا ئېگە بولۇشى بىلەن بولىدۇ» دېدى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر