«شىمالىي قىبرىس بايرىقىنىڭ لەرزان لەپىلدىشى ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىمىز»

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى بايرىقىنىڭ لەرزان لەپىلدىشى ئۈچۈن ھەر جەھەتتىن تىرىشچانلىق كۆرسىتىدىغانلىقلىرىنى ئېيتتى.

1306891
«شىمالىي قىبرىس بايرىقىنىڭ لەرزان لەپىلدىشى ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىمىز»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەردوغان «15 – نويابىر شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 36 يىللىق خاتىرە كۈنى» مۇناسىۋىتى بىلەن ئېلان قىلغان باياناتىدا مۇنداق دېدى: «شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىنىڭ مۇستەقىللىقى يولىدا ھاياتىدىن ئايرىلغان ئەزىز شېھىتلارنى چەكسىز ئىپتىخارلىق ئىچىدە ياد ئېتىمەن، شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرغۇچىسى مەرھۇم رائۇف دەنكتاشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئۇدا 36 يىلدىن بۇيان شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىنى قۇدرەت تاپقۇزۇش يولىدا ناھايىتى زور تۆھپىلەرنى قوشقانلارغا مىننەتدارلىق بىلدۈرىمەن. نۆۋەتتە قىبرىس تۈركلىرى ئۈستىدە ئەركىن ياشاۋاتقان زېمىنلار ھەر تۈرلۈك بېسىم ۋە تەھدىتكە قارىماي مۇجاھىتلار بىلەن تۈركىيە قىسىملىرىنىڭ مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ  كۈرەش قىلىشىنىڭ مەھسۇلىدۇر. قىبرىس تۈركلىرى قېرىنداشلىرىم ئادەتتىن تاشقىرى دەرىجىدىكى  كۈرەشلىرى ۋە پىداكارلىقلىرى نەتىجىسىدە قۇرۇپ چىققان دۆلىتىنى دېموكراتىيە ۋە ئىقتىسادىي جەھەتتىن قۇدرەت تاپقۇزۇش ئارقىلىق يەنىمۇ گۈللەندۈردى. بىراق  قىبرىس مەسىلىسىنىڭ سىياسىي يوللار ئارقىلىق ئادىل، ئۇزاق مەزگىللىك ۋە ئۈزۈل - كېسىل ھەل قىلىنىشىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن كۆرسىتىلىۋاتقان تىرىشچانلىقلار، تولىمۇ ئەپسۇسكى، قىبرىسنىڭ جەنۇبىي قىسمىدا كۆرسىتىلمىدى. قىبرىس رۇم تەرىپى ئارالنى قىبرىس تۈرك خەلقى بىلەن سىياسىي باراۋەرلىك ئاساسىدا ئورتاقلىشىشنى خالىمىغىنىدەك، مەسىلىنى ھەل قىلىش غەيرەتلىرىگىمۇ داۋاملىق بۇزغۇنچىلىق قىلىپ كەلدى. قىبرىس مەسىلىسىنىڭ سىياسىي يوللار ئارقىلىق ھەل قىلىنىشى يولىدا ھەر جەھەتتىن قولايلىق يارىتىشقا تىرىشقان قىبرىس تۈركلىرىگە قارىتا يېتىم قالدۇرۇش سىياسەتلىرى ئىزچىل داۋاملاشتى. شۇنى ئالاھىدە تەكىتلەپ ئۆتىمەنكى، بولۇپمۇ قىبرىس تۈركلىرىنى شەرقىي ئاقدېڭىزدا ئېنىقلاپ چىقىلغان گىدروكاربون مەنبەلىرى ئۈستىدىكى ھەق – ھوقۇقلىرىنىڭ تارتىۋېلىنىشىغا ئەسلا يول قويمايمىز. تارىخىي مەسئۇلىيەتلىرىمىز ۋە ئەھدىلىرىمىز دائىرىسىدە شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى بايرىقىنىڭ ھەم قۇرۇقلۇقتا، ھەم دېڭىزلاردا، ھەم كۆكلەردە لەرزان لەپىلدىشى ئۈچۈن  ھەر جەھەتتىن تىرىشچانلىق كۆرسىتىمىز.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر