ئەردوغاننىڭ ئامېرىكا زىيارىتى باشلاندى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدىكى دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتى باشلاندى.

1305417
ئەردوغاننىڭ ئامېرىكا زىيارىتى باشلاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەردوغان ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇش ئۈچۈن يېتىپ بارغان پايتەخت ۋاشىنگتوندىكى ئادرېۋ ھاۋا ئارمىيەسى بازىسىدا، تۈركىيەنىڭ  ۋاشىنگتون باش ئەلچىسى سەردر قىلىچ، تۈركىيەنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا تۇرۇشلۇق دائىمىي ۋەكىلى فەرىدون سىنىرلىئوغلۇ، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ رەسمىيەت ئىشلىرى ئورگىنىنىڭ باشلىقى كام ھېندېرسون ۋە باشقا رەھبەرلەر تەرىپىدىن قىزغىن قارشى ئېلىندى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان بىلەن بىرلىكتە رەپىقىسى ئەمىنە ئەردوغان، تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ، خەزىنە ۋە مالىيە مىنىستىرى بەرات ئالبايراق، دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ھۇلۇسى ئاقار، سودا ئىشلىرى مىنىستىرى رۇھسار پەكجان، ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى مۇئاۋىن باشلىقى ماھىر ئۈنال، ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى باياناتچىسى ئۆمەر چەلىك، جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيى ئۇچۇر - ئالاقە ئىشلىرى باشقارمىسىنىڭ باشلىقى فاھرەتتىن ئالتۇن، جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيى باياناتچىسى ئىبراھىم قالىن قاتارلىقلارمۇ ۋاشىنگتونغا كەتتى.

ھاۋا ئارمىيەسى بازىسىدىن «<ۋىللارد> مېھمانسارىيى» غا ئۆتكەن جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان بىلەن رەپىقىسى ئەمىنە ئەردوغان، يول بويىدا ئۆزىنى كۈتۈۋاتقان تۈركلەر ۋە كەڭ خەلق ئاممىسى تەرىپىدىن قىزغىن قارشى ئېلىندى.

ئەردوغان مېھمانساراينىڭ ئالدىدا ئۆزىنى كۈتۈۋاتقانلارغا سالام بەردى، ئاندىن ئالدى بىلەن مېھمانسارايدا ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى سودا ئىشلىرى كېڭىشى، تاشقى سودا مۇناسىۋەتلەر كومىتېتى ۋە تۈركىيە – ئامېرىكا سودا كېڭىشى تەرىپىدىن بىرلىكتە ئۆتكۈزۈلگەن يۇمىلاق ئۈستەل يىغىنىغا قاتناشتى.

ئاخبارات ۋاسىتىلىرىغا يېپىق ھالەتتە ئىشقا ئاشۇرۇلغان يىغىنغا، تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ، خەزىنە ۋە مالىيە مىنىستىرى بەرات ئالبايراق، دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ھۇلۇسى ئاقار، سودا ئىشلىرى مىنىستىرى رۇھسار پەكجان، جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيى ئۇچۇر - ئالاقە ئىشلىرى باشقارمىسىنىڭ باشلىقى فاھرەتتىن ئالتۇن ۋە جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيى باياناتچىسى ئىبراھىم قاتارلىقلارمۇ ئىشتىراك قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا،  Pepsico ، Google ، UPS، Hilton، The Coca Cola Company، GE، Citi، Uber، تۈركىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتى،  لىماك، TAV ھايو يوللىرى گۇرۇھى، Kale  گۇرۇھى، تۈركىيە بايلىق فوندى، تاشقى  تاشقى سودا مۇناسىۋەتلەر كومىتېتى،  Nasdaq  ۋە  ئامېرىكا سودا ئۇيۇشمىسى قاتارلىق شىركەتلەرنىڭ ۋەكىللىرىمۇ ئىشتىراك قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر