ئەردوغاننىڭ ئامېرىكا زىيارىتى بۈگۈن باشلىنىدۇ
جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن بۈگۈن ئامېرىكىغا بارىدۇ.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئۇچۇر – ئالاقە ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئەردوغان ترامپنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن 12-، 13 – نويابىر كۈنلىرى ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدا خىزمەت زىيارىتىدە بولىدىكەن.
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان زىيارىتى دائىرىسىدە ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ بىلەن كۆرۈشىدىكەن ۋە بىرلىكتە ھەيئەتلەرئارا مۇزاكىرىلەرگە رىياسەتچىلىك قىلىدىكەن.
ئۇچرىشىشلاردا، تۈركىيە - ئامېرىكا ئىككى تەرەپ مۇناسىۋەتلىرى ئەتراپلىق مۇزاكىرە قىلىنىدىكەن؛ سۈرىيە باشتا بولۇپ رايون ۋە خەلقئارالىق مەسىلىلەر، تېررورىزمنىڭ بارلىق تۈرلىرىگە قارشى كۈرەش قىلىش، ھەمكارلىق ۋە بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىش يولىدا تاشلىنىدىغان قەدەملەر مۇھاكىمە قىلىنىدىكەن.
زىيارەت دائىرىسىدە ئامېرىكا سودا باشقارمىسىنىڭ ساھىبخانلىقىدا چاقىرىلىدىغان بىر يىغىندا سودا – سانائەتچىلەرگە خىتاب قىلىدىغان ئەردوغاننىڭ، ماريلاند ئىشتاتىدا ئامېرىكا دىيانەت مەركىزىنى زىيارەت قىلىپ، تۈركىيە پۇقرالىرى، تۈرك مىللىتىدىن بولغان ئامېرىكىلىقلار ۋە مۇسۇلمانلار ئاممىسىنىڭ ۋەكىللىرى بىلەن ئۇچرىشىشىمۇ پىلانلانماقتا ئىكەن.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
تۈركىيە ئەزەربەيجاننىڭ كېلەچىكى ئۈچۈن ھەمنەپەس بولماقتا
تۈركىيە دوست ۋە قېرىنداش دۆلەت ئەزەربەيجاننىڭمۇ كېلەچىكى ئۈچۈن ھەمنەپەس بولماقتا.
ئىراقنىڭ شىمالىدا 3 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى
ئىراقنىڭ شىمالىدا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك ئەزاسى 3 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى.