تۈركىيە ئارمىيەسى تېررورچىلارنىڭ مىنا ئىسكىلاتىنى بايقىدى

تۈركىيە ئارمىيەسى ئالاھىدە ئەترىتى تېررورلۇق تەشكىلاتى ي پ گ/پ ك ك غا تەۋە مىنا ئىسكىلاتى ۋە قورال – ياراقلارنى پاچاقلاپ تاشلىدى.

1303909
تۈركىيە ئارمىيەسى تېررورچىلارنىڭ مىنا ئىسكىلاتىنى بايقىدى

تۈركىيە ئارمىيەسى تىنچلىق بۇلىقى ھەرىكىتى رايونى دائىرىسىدىكى سۇرىيەنىڭ تېل ئەبياد شەھىرىدە، تېررورلۇق تەشكىلاتى ي پ گ/پ ك ك غا تەۋە مىنا ئىسكىلاتى ۋە تەربىيەلەش مەركىزىنى بايقىدى.

تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا مۇنداق دېيىلدى.

«تۈركىيە ئارمىيەسى ئالاھىدە ئەترەتلىرى تېل ئەبيادنىڭ جەنۇبىدىكى شاراكراك يېزىسىدا ئېلىپ بارغان تەكشۈرۈش جەريانىدا، تېررورلۇق تەشكىلاتى ي پ گ/پ ك ك غا تەۋە مىنا ئىسكىلاتىنى ۋە تەربىيەلەش مەركىزىنى بايقىدى ھەمدە ئىچىدىكى قورال ياراقلارنى پاچاقلاپ تاشلىدى»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر