تۈركىيە تەل ئابيادتا مەيدانغا كەلگەن تېررورلۇق ھۇجۇمىنى قاتتىق ئەيىبلىدى

تۈركىيە، سۈرىيەنىڭ تەل ئابياد ناھىيەسىدە بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك / ي پ گ نىڭ پۇقرالارنى زەربە ئوبيېكتى قىلغان ھۇجۇمىنى قاتتىق ئەيىبلىدى.

1299189
تۈركىيە تەل ئابيادتا مەيدانغا كەلگەن تېررورلۇق ھۇجۇمىنى قاتتىق ئەيىبلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قولى قانلىق تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك / ي پ گ، تەل ئابيادتا تۈنۈگۈن پۇقرالارغا ھۇجۇم قىلدى. بىر بازاردا سادىر قىلىنغان بومبا ھۇجۇمىدا 13 ئادەم جېنىدىن ئايرىلدى، 20 ئادەم يارىلاندى.

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ ئىجتىمائىي تاراتقودىكى ئادرېسى ئارقىلىق بايانات بېرىپ، پ ك ك / ي پ گ نى قوللىغۇچىلارنى ئەيىبلەپ، «تەل ئابيادتا ئونلارچە بىگۇناھ كىشىگە ھۇجۇم قىلغان تېررورلۇق تەشكىلاتى ي پ گ نى قانىتى ئاستىغا ئالغان، ئۇنى بىگۇناھ قىلىپ كۆرسىتىشكە ئۇرۇنغانلارغا ساۋاق بولسۇن» دېدى ۋە سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، «بۇ خائىن ھۇجۇم تىنچلىق بۇلىقى ھەربىي ھەرىكىتىنىڭ قانچىلىك توغرا ۋە جايىدا بولغانلىقىنىڭ ئەڭ چوڭ ئىسپاتىدۇر» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى باياناتچىسى ئىبراھىم قالىنمۇ بۇ ھەقتە بايانات بېرىپ، «بۇ ھۇجۇم، ي پ گ تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ ھەقىقىي ۋە قانلىق يۈزىنى يەنە بىر قېتىم نامايان قىلىپ بەردى» دېدى ۋە تۈركىيەنىڭ تېررورنىڭ بارلىق تۈرلىرىگە قارشى كۈرىشىنىڭ قەتئىي داۋاملىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئۇچۇر – ئالاقە ئىشلىرى ئىدارىسى باشلىقى فاھرەتتىن ئالتۇنمۇ بۇ ھەقتە توختىلىپ «ھۇجۇم، تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ ھەقىقىي يۈزىنى ۋە تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىنى قوللاشنىڭ قانچىلىك خەتەرلىك ئىكەنلىكىنى نامايان قىلىپ بەردى» دېدى ۋە سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، «پ ك ك / ي پ گ نى يوللۇقلاشتۇرۇشقا ئۇرۇنغانلار ئۆزلىرىنى بۇ ھۇجۇمنىڭ قوربانلىرىنىڭ ئورنىغا قويۇپ ئۇلارنى چۈشىنىشى كېرەك. بۇ تېررورلۇق تەشكىلاتىنى قوللىغانلار بۇ ھۇجۇمنىڭ ۋە كېلەچەكتىكى ھۇجۇملارنىڭ جاۋابكارىدۇر» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر