چاۋۇشئوغلۇ: ئامېرىكا ۋە رۇسىيە بىلەن تۈزۈلگەن كېلىشىم سىياسىي ئۇتۇق سۈپىتىدە تارىخقا يېزىلىدۇ

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ، تۈركىيەنىڭ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ۋە رۇسىيە بىلەن سۈرىيە مەسىلىسىدە ھاسىل قىلغان كېلىشىملىرىنىڭ سىياسىي ئۇتۇق سۈپىتىدە تارىخ سەھىپىلىرىدىن ئورۇن ئالغانلىقىنى ئېيتتى.

1293319
چاۋۇشئوغلۇ: ئامېرىكا ۋە رۇسىيە بىلەن تۈزۈلگەن كېلىشىم سىياسىي ئۇتۇق سۈپىتىدە تارىخقا يېزىلىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ ئانادولۇ ئاگېنتلىقىنىڭ تۈركىيە بىلەن رۇسىيە ئارىسىدا تۈنۈگۈن ھاسىل قىلغان كېلىشىمنىڭ تەپسىلاتىغا دائىر سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى. ئۇ، تۈركىيەنىڭ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ۋە رۇسىيە بىلەن سۈرىيە توغرىسىدا ھاسىل قىلغان كېلىشىملىرىنىڭ سىياسىي ئۇتۇق سۈپىتىدە تارىخ سەھىپىلىرىدىن ئورۇن ئالغانلىقىنى ئېيتتى.

دۇنيانىڭ ئەڭ چوڭ ئىككى دۆلىتىنىڭ تىنچلىق بۇلىقى ھەربىي ھەرىكىتىنىڭ قانۇنىيلىقىنى قوبۇل قىلغانلىقىنى ئەسكەرتكەن چاۋۇشئوغلۇ، «تىنچلىق بۇلىقى ھەربىي ھەرىكىتى ساھەسىدە ھەرقانداق بىر تېررورچى ئۇنسۇر ئالدىمىزغا چىقىپ قالسا، ئۇلارنى بىر تەرەپ قىلىمىز» دېدى.

بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى ي پ گ / پ ك ك ئەزاسى تېررورچىلارنىڭ قامىشلىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تۈركىيە چېگراسىدىكى رايونلاردىن 30 كىلومېتىر جەنۇبقا چىقىرىۋېتىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن چاۋۇشئوغلۇ، تۈركىيەنىڭ تىرىشچانلىقلىرىنىڭ تېررورچىلارنىڭ سۈرىيەنىڭ شىمالىدا قۇرماقچى بولغان تېررور دۆلىتىنىڭ ئالدىنى ئالغانلىقىنى ئېيتتى.

تىنچلىق بۇلىقى ھەربىي ھەرىكىتىنىڭ سۈرىيەنىڭ كېلەچىكىگە نىسبەتەن بۇرۇلۇش نۇقتىسى بولغانلىقىنى ئەسكەرتكەن چاۋۇشئوغلۇ، «بۇ يەرلەردە (سۈرىيەنىڭ شىمالىدا) نوپۇسنىڭ كۆپ سانلىقى ئەرەب. رەھبەرلىك ئاپپاراتىدا ئەرەبلەر بولىدۇ. كوردلار بولسا، ئۇلارمۇ رەھبەرلىك ئاپپاراتىدىن ئورۇن ئالىدۇ» دېگەن ئىبارىلەرنى ئىشلەتتى.

مىنىستىر چاۋۇشئوغلۇ، بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتى بىلەن بىۋاسىتە ئالاقە ئورنىتىلمىغانلىقىنى، ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ ئادانا كېلىشىمىنى خالىسىمۇ ئىجرا قىلغۇدەك قۇربىنىڭ يوقلۇقىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر