قالىن: ئېمبارگو تەھدىتلىرى ۋە ئەيىبلەشلەر تۈركىيەنى تېررورىزمغا قارشى كۈرەشتىن ۋاز كەچتۈرەلمەيدۇ

جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى باياناتچىسى ئىبراھىم قالىن، ئېمبارگو يۈرگۈزۈش تەھدىتلىرى ۋە ئەيىبلەشلەرنىڭ تۈركىيەنى تېررورىزمغا قارشى كۈرەشتىكى ھەقلىق دەۋاسىدىن ۋاز كەچتۈرەلمەيدىغانلىقىنى ئېيتتى.

1289473
قالىن: ئېمبارگو تەھدىتلىرى ۋە ئەيىبلەشلەر تۈركىيەنى تېررورىزمغا قارشى كۈرەشتىن ۋاز كەچتۈرەلمەيدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى باياناتچىسى ئىبراھىم قالىن ئىچكى كابىنېت يىغىنىدىن كېيىن بايانات بېرىپ، تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ سۈرىيەنىڭ شىمالىدىكى فىرات دەرياسىنىڭ شەرقىدە ئېلىپ بېرىۋاتقان تىنچلىق بۇلىقى ھەربىي ھەرىكىتىنىڭ كۆپلىگەن ئويۇنلارنى بۇزۇپ تاشلىغانلىقىنى، ھەرىكەتكە قارا سۈركەشكە ئۇرۇنغانلارنىڭ سۈرىيەدىكى پىچكىلىرى نوپۇزدىن ئايرىلىپ قالغانلىقى ئۈچۈن بىئارام بولۇپ غەزەپلەنگەنلىكىنى، ھەتتا كۈلكىلىك ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

تۈركىيەنىڭ سۈرىيەدىكى كورد قېرىنداشلىرى بىلەن تېررورلۇق تەشكىلاتىنى پەرقلەندۈرۈپ مۇئامىلە قىلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن قالىن، دائېشقا قارشى كۈرەشنىڭمۇ قەتئىي ئاقسىتىپ قويۇلماستىن داۋاملاشتۇرۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، «تۈركىيەنى تىنچلىق بۇلىقى ھەربىي ھەرىكىتى مەسىلىسىدە ئەيىبلىگەنلەرگە دائېشچىلارنى كىملەرنىڭ نېمىشقا قويۇپ بەرگەنلىكىنى سوراش ئەڭ تەبىئىي ھەققىمىزدۇر» دېدى.

ھەرىكەتنىڭ نىشانغا يەتكۈچە سۈرئەت بىلەن داۋام قىلىدىغانلىقىنى تىلغا ئالغان قالىن، «نىشانىمىز چېگرايىمىزنى تېرروردىن تەلتۆكۈس تازىلاشتۇر» دېدى.

سۈرىيەدىكى دېموگرافىك قۇرۇلمىنى بۇزغان ئامىلنىڭ نە تۈركىيە، نە تىنچلىق بۇلىقى ھەربىي ھەرىكىتى ئەمەسلىكىنى تەكىتلىگەن قالىن، بۇنى قىلىۋاتقانلارنىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتى ي پ گ/ پ ي د / پ ك ك ئىكەنلىكىنى قەيت قىلدى.

ئۇ يەنە، تۈركىيەنىڭ بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتى بىلەن رەسمىي ئۇچرىشىشى ياكى ئالاقىسىنىڭ بولمىغانلىقىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر