تۈركىيە پارلامېنتى ئارمىيەنىڭ چېگرا ھالقىپ ھەرىكەت ئېلىپ بېرىشىغا ئالاقىدار ئىجازەتنامىنى ماقۇللىدى

تۈركىيە ئارمىيەسىنى سۈرىيە ۋە ئىراقتا ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ بېرىش سالاھىيىتى بىلەن تەمىنلەيدىغان ئىجازەتنامىنىڭ مۇددىتى تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى تەرىپىدىن يەنە بىر يىل ئۇزارتىلدى.

1284314
تۈركىيە پارلامېنتى ئارمىيەنىڭ چېگرا ھالقىپ ھەرىكەت ئېلىپ بېرىشىغا ئالاقىدار ئىجازەتنامىنى ماقۇللىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ئارمىيەسىنى سۈرىيە ۋە ئىراقتا چېگرا ھالقىپ ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ بېرىش سالاھىيىتىگە ئىگە قىلىدىغان جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئىجازەتنامىسى تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى ئومۇمىي كېڭىشى تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنىپ، مۇددىتى 2020 – يىلى 30 – ئۆكتەبىرگىچە ئۇزارتىلدى.

مەزكۇر ئىجازەتنامە، تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ ئىراق ۋە سۈرىيەدىكى تېررورچىلارغا قارشى كۈرەش دائىرىسىدە چېگرا ھالقىپ ۋەزىپە ئۆتىشىنى مەزمۇن قىلىدۇ.

ئىجازەتنامە ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى، جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيەسى، مىللىيەتچى ھەرىكەت پارتىيەسى ۋە ئىيى (ياخشى) پارتىيەنىڭ قوللاپ ئاۋاز بېرىشى بىلەن قوبۇل قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر