ترامپ: تۈركىيە ناتونىڭ مۇھىم ئەزاسى

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ تۈركىيەنىڭ ناتونىڭ مۇھىم ئەزاسى ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

1284102
ترامپ: تۈركىيە ناتونىڭ مۇھىم ئەزاسى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ تۋىتتېردا، تۈركىيەنىڭ ناتونىڭ مۇھىم ئەزاسى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، بايانات ئېلان قىلدى.

ئۇ باياناتىدا: «نۇرغۇن كىشىلەر تۈركىيەنىڭ ئامېرىكانىڭ چوڭ سودا شېرىكى ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇپ قالىدۇ. تۈركىيە F-35 ئايروپىلانىنىڭ پولات گەۋدىسىنى ياسايدۇ.  سۈرىيەنىڭ ئىدلىب شەھىرىدە نۇرغۇن جاننىڭ قۇتۇلۇشىغا ياردەم قىلدى. يەنە، ئامېرىكالىق پوپ برۇنسوننىڭ دۆلىتىگە قايتىشىنى ئەمەلگە ئاشۇردى. تۈركىيەنىڭ ناتونىڭ ئابرۇيلۇق ئەزاسى ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇماڭلار» دېدى.

ئۇ تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ 13-نويابىر (2019) ئامېرىكانى زىيارەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر