سۈرىيە چېگراسىغا ئەسكەر ۋە قورال ئەۋەتىلدى

تۈركىيە ئارمىيەسى سۈرىيە چېگراسىدا ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان ھەربىي قىسىملارغا يېڭى بىر تۈركۈم بىرونېۋىك ۋە ھەربىي خادىملارنى سەپلىدى.

1282637
سۈرىيە چېگراسىغا ئەسكەر ۋە قورال ئەۋەتىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شانلىئۇرفاندىكى 20- بىرونېۋىكلىك قىسىملار بىرىگاداسى قوماندانلىقىدىن يولغا چىققان بىرونىۋېكلار بېسىلغان 9 يۈك ئاپتوموبىلى بىلەن ھەربىيلەر ئولتۇرغان بىر ئاپتوبۇس كۈچلۈك خەۋپسىزلىك تەدبىرلىرى ئاستىدا چېگرادىكى ئاقچاقەلئە ناھىيەسىگە يېتىپ باردى.

مەزكۇر ئەسلىھە ۋە ئەسكەرلەرنىڭ چېگرادىكى قىسىملارنىڭ ئارقا سېپىنى كۈچەيتىش مەقسىتىدە ئەۋەتىلگەنلىكى قەيت قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر