تۈركىيە ئارمىيەسى تېررورچىلارغا ئەجەللىك زەربە بەردى

تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ ماردىننىڭ دەرىك ۋە سىئىرتنىڭ ئەرۇھ رايونلىرىدا ئېلىپ بارغان ھەربىي ھەرىكەتلىرى داۋامىدا تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك لىق 7 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى.

1277843
تۈركىيە ئارمىيەسى تېررورچىلارغا ئەجەللىك زەربە بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:  ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ ئىچكى بىخەتەرلىكنى قوغداش دائىرىسىدە ئېلىپ بارغان ھەربىي ھەرىكەتلىرى داۋامىدا، ماردىننىڭ دەرىك رايونىدا 2،  سىئىرتنىڭ ئەرۇھ رايونىدا 5 بولۇپ، جەمئىي 7 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىنغان.

باياناتتا تەكىتلىنىشىچە، رايوندا تېررورچىلارنى تازىلاش ۋە ئىچكى بىخەتەرلىكنى قوغداش نىشان قىلىنغان ھەربىي ھەرىكەتلەر داۋاملاشماقتا ئىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر