ئامېرىكا ۋە تۈركىيەنىڭ سۈرىيە چېگراسىدىكى ئورتاق چارلاش ھەرىكىتى ھازىرلىقى داۋاملاشماقتا

ئامېرىكا ۋە تۈركىيەنىڭ سۈرىيە چېگراسىدىكى تۇنجى ئورتاق چارلاش ھەرىكىتى بۇ يىل 8 - سىنتەبىردە ئېلىپ بېرىلغان ئىدى.

1274803
ئامېرىكا ۋە تۈركىيەنىڭ سۈرىيە چېگراسىدىكى ئورتاق چارلاش ھەرىكىتى ھازىرلىقى داۋاملاشماقتا
suriye askeri sevkiyat.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى «تەبىئىي قەتئىي ئىرادە ھەرىكىتى» دائىرىسىدە، سۈرىيە ھاۋا ساھەسىدە ئۇچۇش ئېلىپ باردى. 

دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، «تەبىئىي قەتئىي ئىرادە ھەرىكىتى» دائىرىسىدە، تۈركىيە ھاۋا ئارمىيىسەگە تەۋە «F-16» تىپلىق 2 ئۇرۇش ئايروپىلانىنىڭ ئەتىگەن سائەت 10:00 دىن 12:00 گىچە بولغان ئارىلىقتا سۈرىيە ھاۋا ساھەسىگە كىرىپ، ئۇچۇش ئېلىپ بارغانلىقى بىلدۈرۈلدى. 

بۇ ئارىلىقتا تۈركىيە بىلەن ئامېرىكانىڭ سۈرىيە چېگراسىدا قۇرۇغلۇقتىن بىرلىكتە ئېلىپ بارىدىغان ئىككىنچى ئورتاق چارلاش ھەرىكىتىنىڭ تەييارلىقىلىرى داۋاملاشماقتا.

شانلىئۇرفانىڭ ئاقچەقەلئە ناھىيەسىدە ئالاھىدە قىسىمنى ئېلىپ ماڭغان 10 بىرونوۋىك ئاپتوموبىل، ئۈستىدە تۈركىيە بايراقلىرى ئېسىلىپ، پات يېقىندا ئېلىپ بېرىلىشى مۇمكىن بولغان ئورتاق چارلاش ھەرىكىتىگە تەييار ھالغا كەلتۈرۈلدى.

ئامېرىكا ۋە تۈركىيەنىڭ تۇنجى ئورتاق چارلاش ھەرىكىتى 8 - سىنتەبىردە ئېلىپ بېرىلغان ئىدى.

تۈركىيە ئارمىيەسى چېگرا قىسىملىرىغا ھەربىي ئاپتوموبىل ۋە ئوق - دورا يەتكۈزۈش خىزمەتلىرىمۇ ئۈزلۈكسىز داۋاملاشماقتا.

ھاتايغا يوللانغان ئەسكەر توشۇغۇچى 20 بىرونىۋىك ئاپتومۇبىل كەڭ دائىرىلىك بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى ئاستىدا چگرا لېنىيەسىگە يېتىپ باردى. بۇنىڭدىن باشقا يەنە ئالاھىدە قىسىم خادىملىرىمۇ رايونغا يوللاندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر