ئەردوغان ئامېرىكىغا يېتىپ باردى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، 74 – نۆۋەتلىك بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) ئومۇمى كېڭىشى باشلىقلار يىغىنىغا ئىشتىراك قىلىش ئۈچۈن نيۇ يوركقا يېتىپ باردى.

1273905
ئەردوغان ئامېرىكىغا يېتىپ باردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننى JFK ئايرودۇرۇمىدا تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ، تۈركىيەنىڭ ب د ت دا تۇرۇشلۇق دائىمىي باش ئەلچىسى فەرىدۇن سىنىرلىئوغلۇ، تۈركىيەنىڭ ۋاشىنگتوندا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى سەردار قىلىچ ۋە باشقا ئالاقىدار ئەمەلدارلار كۈتۈۋالدى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغانغا رەپىقىسى ئەمىنە ئەردوغان، خەزىنە ۋە مالىيە ئىشلىرى مىنىستىرى بەرات ئالبايراق، دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى خۇلۇسى ئاقار، مۇھىت ۋە شەھەر قۇرۇلۇشى ئىشلىرى مىنىستىرى مۇرات قۇرۇم، سودا ئىشلىرى مىنىستىرى رۇھسار پەكجان، جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئۇچۇر – ئالاقە ئىشلىرى ئىدارىسى باشلىقى فاھرەتتىن ئالتۇن ۋە جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى باياناتچىسى ئىبراھىم قالىن قاتارلىقلار ھەمراھ بولماقتا.

ئامېرىكىدىكى تۈركلەر، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان چۈشىدىغان نيۇ يوركتىكى مېھمانخانىنىڭ ئالدىغا بېرىپ ئۇنىڭغا بولغان مېھرى – مۇھەببىتىنى ئىپادىلىدى.

ئەردوغان، مېھمانخانىغا كىرىشتىن بۇرۇن ئاپتوموبىلىدىن چۈشۈپ، تۈركلەر تۇرۇۋاتقان جايغىچە بېرىپ، ئۇلار بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرۈشتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر