«400 - س» باشقۇرۇلىدىغان بومبا مۇداپىئە سىستېمىسى تەلىم – تەربىيەسى باشلاندى
«400 - س» باشقۇرۇلىدىغان بومبا مۇداپىئە سىستېمىسى تەلىم - تەربىيەسى تۈركىيە ئارمىيەسى خادىملىرىنىڭ ئىشتىراك قىلىشىدا رۇسىيەدە باشلاندى.
1263745
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا، مۇنداق دېيىلدى: «يىراق مۇساپىلىق رايونلۇق ھاۋا ۋە باشقۇرۇلىدىغان بومبا مۇداپىئە سىستېمىلىرى لايىھەسى دائىرىسىدە، <400 – س> باشقۇرۇلىدىغان بومبا مۇداپىئە سىستېمىسى تەلىم – تەربىيەسى، تۈركىيە ھاۋا ئارمىيەسى خادىملىرىنىڭ ئىشتىراك قىلىشىدا رۇسىيەنىڭ گاتچىنا شەھىرىدە باشلاندى.»