ئەردوغان پۇتىن بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى
تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىن بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشۈپ، لىۋىيە بىلەن سۈرىيە ۋە ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنى مۇھاكىمە قىلدى.
![ئەردوغان پۇتىن بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى](http://cdn.trt.net.tr/images/xlarge/rectangle/5b86/5d4e/45d6/5cfba4823a0dd.jpg?time=1718865630)
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىن بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى.
جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن پۇتىننىڭ تېلېفون سۆھبىتىدە، سۈرىيە بىلەن لىۋىيەنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ۋە ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتى مۇھاكىمە قىلىندى.
رەجەپ تاييىپ ئەردوغان پۇتىن بىلەن بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ ئىدلىبتا قىلىۋاتقان ئۇرۇش توختىتىشقا خىلاپ ھەرىكەتلىرى ۋە ھۇجۇملىرىنىڭ، ئېغىر ئىنسانىي كىرىزىسقا سەۋەب بولۇۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتتى.
ئۇ ئىدلىبتىكى ھۇجۇملارنى ھەل قىلىش تىرىشچانلىقلىرىغا زىيان سېلىنىۋاتقانلىقىنى ۋە تۈركىيەنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكى نۇقتىسىدىن ئېغىر تەھدىتكە ئايلانغانلىقىنى بىلدۈردى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
![ئەردوغان پاشىنيان بىلەن تېلېفونلاشتى](http://cdn.trt.net.tr/images/medium/rectangle/17dc/85c7/62ef/667274aa8f555.jpg?time=1718865631)
ئەردوغان پاشىنيان بىلەن تېلېفونلاشتى
جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئەرمېنىيە باش مىنىستىرى نىكول پاشىنيان بىلەن تېلېفونلاشتى.
![تۈركىيە ئەزەربەيجاننىڭ كېلەچىكى ئۈچۈن ھەمنەپەس بولماقتا](http://cdn.trt.net.tr/images/medium/rectangle/6e67/9b77/98a9/66716af7bff4b.jpg?time=1718865631)
تۈركىيە ئەزەربەيجاننىڭ كېلەچىكى ئۈچۈن ھەمنەپەس بولماقتا
تۈركىيە دوست ۋە قېرىنداش دۆلەت ئەزەربەيجاننىڭمۇ كېلەچىكى ئۈچۈن ھەمنەپەس بولماقتا.