چاۋۇشئوغلۇ لىۋانغا يېتىپ باردى

تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ رەسمىي زىيارەتتە بولۇش ئۈچۈن لىۋانغا يېتىپ باردى.

1257146
چاۋۇشئوغلۇ لىۋانغا يېتىپ باردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىقىدىكى ھەيئەت لىۋان پايتەختى بېيرۇتتىكى رەفىق ھارىرى خەلقئارا ئايرودۇرۇمىدا، تۈركىيەنىڭ بېيرۇتتا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ھاكان چاكىل ۋە لىۋان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ مۇناسىۋەتلىك رەھبەرلىرى تەرىپىدىن كۈتۈۋېلىندى.

مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ تۋىتتېردا زىيارىتى ھەققىدە ئۇچۇر ھەمبەھىرلەپ: «ئىككى تەرەپ مۇناسىۋەتلىرىنى مۇزاكىرە قىلىش ئۈچۈن دوست دۆلەت لىۋانغا يېتىپ كەلدۇق» دېدى.

مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ لىۋان پىرېزىدېنتى مىشېل ئاۋن، پارلامېنت باشلىقى نەبىھ بېررى، باش مىنىستىر سائاد ئەلھارىرى، تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جىبران باسىل ۋە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى رايا ئەلھاسان بىلەن كۆرۈشىدۇ.

تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇنىڭ لىۋان زىيارىتى ھەققىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا، ئۇچرىشىشلاردا ئىككى تەرەپ مۇناسىۋەتلىرى مۇزاكىرە قىلىنغاندىن باشقا، رايونلۇق مەسىلىلەردىمۇ ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرۇلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ يەنە، زىيارىتى جەريانىدا لىۋاندا ياشاۋاتقان تۈركىيە پۇقرالىرى بىلەنمۇ كۆرۈشىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر