تۈركىيە ئارمىيەسى ئىراقنىڭ شىمالىدا 4 تېررورچىنى ئۇجۇقتۇردى

تۈركىيە ئارمىيەسى تەرىپىدىن ئىراقنىڭ شىمالىدىكى بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك غا قارشى ئېلىپ بېرىلغان ھاۋا ھەرىكىتىدە 4 تېررورچى ئۇجۇقتۇرۇلدى.

1242139
تۈركىيە ئارمىيەسى ئىراقنىڭ شىمالىدا 4 تېررورچىنى ئۇجۇقتۇردى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ تىۋىتتېر ھېسابىدىن ئېلان قىلىنغان مەلۇماتتا، 27ماي كۈنى باشلانغان پەنجە ھەرىكىتى بىلەن ماسلاشقان ھالدا ئىراقنىڭ شىمالىدىكى زاپ ۋە مەتىنا رايونلىرىدا ھاۋا ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

ھەرىكەتتە بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك غا تەۋە بازا، قورال ئىستىھكامى ۋە پاناھجايلارنىڭ پاچاقلاپ تاشلانغانلىقى، 4 تېررورچىنىڭ ئۇجۇقتۇرۇلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر