تۈركىيە سومالىدا مەيدانغا كەلگەن تېررورلۇق ھۇجۇمىنى ئەيىبلىدى
تۈركىيە سومالىنىڭ جەنۇبىدىكى كىسمايۇ شەھىرىدە مەيدانغا كەلگەن تېررورلۇق ھۇجۇمىنى ئەيىبلەپ بايانات ئېلان قىلدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە سومالىنىڭ جەنۇبىدىكى كىسمايۇ شەھىرىدىكى بىر مېھمانخانىغا قىلىنغان تېررورلۇق ھۇجۇمىنى ئەيىبلەپ بايانات ئېلان قىلدى.
تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا مۇنداق دېيىلدى: «سومالىنىڭ كىسمايۇ شەھىرىدە بىر بومبا قاچىلانغان ئاپتوموبىل بىلەن ئېلىپ بېرىلىپ نۇرغۇن ئادەمنىڭ ئۆلۈمىگە سەۋەب بولغان تېررورلۇق ھۇجۇمىنى قاتتىق ئەيىبلەيمىز. ھۇجۇمدا ئۆلۈپ كەتكەنلەرگە ئاللاھتىن رەھمەت، يارىلانغانلارغا شىپا، دوست ۋە قېرىنداش سومالى ھۆكۈمىتى ۋە سومالى خەلقىگە چوڭقۇر تەزىيە بىلدۈرىمىز.»
سومالىنىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان كىسمايۇ شەھىرىدە تۈنۈگۈن بىر مېھمانخانىغا قىلىنغان ھۇجۇمدا 26 كىشى ئۆلۈپ 56 كىشى يارىلانغانىدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
ئەردوغان پاشىنيان بىلەن تېلېفونلاشتى
جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئەرمېنىيە باش مىنىستىرى نىكول پاشىنيان بىلەن تېلېفونلاشتى.
تۈركىيە ئەزەربەيجاننىڭ كېلەچىكى ئۈچۈن ھەمنەپەس بولماقتا
تۈركىيە دوست ۋە قېرىنداش دۆلەت ئەزەربەيجاننىڭمۇ كېلەچىكى ئۈچۈن ھەمنەپەس بولماقتا.