تۈركىيە ئافغانىستاندا مەيدانغا كەلگەن تېررورلۇق ھۇجۇملىرىنى ئەيىبلىدى

تۈركىيە، ئافغانىستاننىڭ غەزنە ۋىلايىتى ۋە پايتەخت كابۇلدا مەيدانغا كەلگەن تېررورلۇق ھۇجۇملىرىنى ئەيىبلەپ، ئافغانىستان خەلقىگە تەزىيە بىلدۈردى.

1231941
تۈركىيە ئافغانىستاندا مەيدانغا كەلگەن تېررورلۇق ھۇجۇملىرىنى ئەيىبلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى يازما بايانات ئېلان قىلىپ، تۈركىيەنىڭ تېررورىزمغا قارشى كۈرەشتە ئافغانىستاننىڭ سېپىدىن ئورۇن ئېلىشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ئافغانىستاندا تىنچلىق ئورنىتىش ئۈچۈن مۇناسىۋەتلىك تەرەپلەر سۆھبەتلىرىنى قويۇقلاشتۇرۇۋاتقان مۇشۇنداق بىر پەيتتە، كابۇل ۋە غەزنە مەيدانغا كەلگەن تېررورلۇق ھۇجۇملىرىدا كۆپ ساندا ئادەمنىڭ جېنىدىن ئايرىلغانلىقى ۋە نۇرغۇن ئادەمنىڭ يارىلانغانلىقىنىڭ چوڭقۇر قايغۇرۇش پەيدا قىلغانلىقى بىلدۈرۈلگەن باياناتتا، «مەكتەپلەردە ئوقۇۋاتقان بىگۇناھ بالىلارنىڭمۇ ئۆلۈپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان بۇ تېررورلۇق قىلمىشلىرىنى قاتتىق ئەيىبلەيمىز، قېرىنداش ئافغانىستان خەلقىگە تەزىيە بىلدۈرىمىز» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.

ئافغانىستاننىڭ غەزنە ۋىلايىتىدىكى مىللىي ئىستىخبارات باشقارمىسى بىناسى ئاپتوموبىل بومبا ھۇجۇمىغا ئۇچراپ 12 ئادەم جېنىدىن ئايرىلغان، 179 ئادەم يارىلانغانىدى.

كابۇلدا بولسا ئىككى مۇپەتتىش قوراللىق ھۇجۇمغا ئۇچرىغان، مۇپەتتىشلەردىن بىرى جېنىدىن ئايرىلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر