ئەردوغان ھىندونېزىيە پىرېزىدېنتى جوكو ۋىدودو بىلەن كۆرۈشتى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان گ 20 رەھبەر يىغىنىدىكى ئۇچرىشىشلىرى دائىرىسىدە ھىندونېزىيە پىرېزىدېنتى جوكو ۋىدودو بىلەن كۆرۈشتى.

1227196
ئەردوغان ھىندونېزىيە پىرېزىدېنتى جوكو ۋىدودو بىلەن كۆرۈشتى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گ 20 رەھبەر يىغىنى ئۆتكۈزۈلگەن «INTEX Osaka» يەرمەنكە مەركىزىدە جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن ھىندونېزىيە پىرېزىدېنتى جوكو ۋىدودونىڭ ئاخباراتقا يېپىق شەكىلدە ئېلىپ بارغان ئۇچرىشىشى 35 مېنۇت داۋاملاشتى.

ئۇچرىشىشقا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ، خەزىنە ۋە مالىيە ئىشلىرى مىنىستىرى بەرات ئالبايراق، دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى خۇلۇسى ئاقار، جۇمھۇر رەئىسلىك ئۇچۇر - ئالاقە ئىشلىرى باشلىقى فەخرىتتىن ئالتۇن ۋە جۇمھۇر رەئىسلىك باياناتچىسى ئىبراھىم كالىنمۇ قاتناشتى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر