ئەردوغان بىلەن ترامپنىڭ ئۇچرىشىشىغا ئالاقىدار باھالاشلار داۋاملاشماقتا

جۇمھۇر رەئىسلىك ئۇچۇر - ئالاقە ئىشلىرى ئىشخانىسى، ئىككى رەھبەرنىڭ ئۇچرىشىشىغا ئالاقىدار قاراشلىرىنى ئېلان قىلدى.

1227205
ئەردوغان بىلەن ترامپنىڭ ئۇچرىشىشىغا ئالاقىدار باھالاشلار داۋاملاشماقتا

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ بىلەن گ 20 رەھبەرلەر يىغىنى دائىرىسىدە ئېلىپ بارغان ئۇچرىشىشىدا، تۈركىيەنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكىنىڭ تەقەزاللىرىنى تولۇق قامداش جەھەتتىكى قەتئىي ئىرادىسىنى تەكىتلەش بىلەن بىرگە ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلىككە زىيان سېلىشى مۇمكىن بولغان ئۇرۇنۇشلارغا دائىر ئەندىشىلىرىنىمۇ ئوتتۇرىغا قويغانلىقى بىلدۈرۈلدى. 

جۇمھۇر رەئىسلىك ئۇچۇر - ئالاقە ئىشلىرى ئىشخانىسىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ بىلەن بۈگۈن كۆرۈشكەنلىكى ئەسكەرتىلدى.

ئۇچرىشىشتا ئۆزئارا مۇناسىۋەتلەر ۋە سۇرىيەنىڭ يېقىنقى ۋەزىيىتى قاتارلىق رايون خاراكتېرلىق مەسىلىلەرنىڭ مۇزاكىرە قىلىنغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

باياناتتا مۇنداق دېيىلدى:

«ئىككى رەھبەر تەرىپىدىن بۇنىڭدىن ئىلگىرى بەلگىلەنگەن 75 مىليارد دوللارلىق سودا نىشانىغا قايتىدىن قاراپ چىقىش ۋە بۇنىڭدىن كېيىن تاشلىنىدىغان قەدەملەر مۇزاكىرە قىلىندى. ھۆرمەتلىك جۇمھۇر رەئىسىمىز دۆلىتىمىزنىڭ بىخەتەرلىكىنىڭ تەقەززالىرىنى تولۇق قامداش جەھەتتىكى قەتئىي ئىرادىسىنى تەكىتلەش بىلەن بىرگە ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلىككە زىيان سېلىشى مۇمكىن بولغان ئۇرۇنۇشلارغا دائىر ئەندىشىلىرىنىمۇ ھەمبەھىرلەشتى. ھۆرمەتلىك ترامپمۇ دۆلىتىمىزنىڭ ئامېرىكىدىن ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىسى سېتىۋىلىش ئۈچۈن كۆرسەتكەن تىراشچانلىقىنىڭ سابىق ئامېرىكا ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن رەت قىلغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، مەسىلىنىڭ ئۆزئارا مۇناسۋەتلەرگە زىيان يەتكۈزمەيدىغان شەكىلدە ھەل قىلىنىشىنى ئارزۇ قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر