ئەردوغان ترامپ ۋە پۇتىن بىلەن كۆرۈشىدۇ

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان 20 دۆلەت گۇرۇھى باشلىقلار يىغىنى جەريانىدا ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ ۋە رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن بىلەن كۆرۈشىدۇ.

1222517
ئەردوغان ترامپ ۋە پۇتىن بىلەن كۆرۈشىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەردوغان ئىستانبۇلدىكى «ۋاھدەتتىن سارىيى» دا بەزى ژۇرنالىستلار، ئاممىۋى تاراتقۇلار ۋە تېلېۋىزىيە قانللىرىنىڭ ئورتاق پىروگراممىسىدا، كۈنتەرتىپكە ئالاقىدار سوئاللارغا جاۋاب بەردى.

خەلقئارا كىرېدىتنى دەرىجىگە ئايرىش ئورگىنى (Moody's)  نىڭ، تۈركىيەنىڭ كىرېدىت دەرىجىسىنى چۈشۈرۈشى توغرۇلۇق توختالغان جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، تۈركىيە ئىقتىسادىغا قارىتا تاشقى پېرېۋۇت  ۋە كىرېدىت دەرىجىسى ئارقىلىق زىيان يەتكۈزۈش پىلانلىرىنى ئالدىنقى يىللاردىكىگە ئوخشاشلا بۇزۇپ تاشلايدىغانلىقلىرىنى ئەسكەرتتى.

تۈركىيە رۇسىيەدىن سېتىۋالىدىغان «س - 400 » باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمىسىنى ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ تالاش – تارتىشلىق مەسىلىگە ئايلاندۇرۇۋالغانلىقىنى ئەسكەرتكەن جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، شۇ سەۋەبتىن  ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ « F-35» تىپلىق ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنى تۈركىيەگە تاپشۇرۇپ بەرمەسلىك قاتارلىق مەسىلىلەرنى كۈنتەرتىپكە ئېلىپ  كېلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «مۇشۇ ئاينىڭ ئاخىرلىرى 20 دۆلەت گۇرۇھى باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىمىز، يىغىن جەريانىدا ھەم ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ترامپ بىلەن، ھەم رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن بىلەن كۆرۈشىمىز، ئۇچرىشىشلاردا بۇ مەسىلىلەر ھەققىدە مۇزاكىرىلەرنى ئېلىپ بارىمىز. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، مۇناسىۋەتلىرىمىز توغرىلىقمۇ سۆھبەت ئۆتكۈزىمىز، يىغىن ئاخىرلاشقاندىن كېيىن خىتايدا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولىمەن. زىيارەت جەريانىدا خىتاي – تۈركىيە مۇناسىۋەتلىرى ھەققىدە مۇزاكىرىلەر ئېلىپ بېرىلىدۇ.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر