تۈركىيە ئىستىخباراتى 12 توننا زەھەرلىك چېكىملىكنى قولغا چۈشۈردى

تۈركىيە ساقچى ئىدارىسىغا قاراشلىق ئىستىخبارات ئەترەتلىرى 12 توننا زەھەرلىك چېكىملىكنى قولغا چۈشۈردى.

1221365
تۈركىيە ئىستىخباراتى 12 توننا زەھەرلىك چېكىملىكنى قولغا چۈشۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، جامائەت خەۋپسىزلىكى باش ئىدارىسى زەھەر ئەتكەسچىلىكىگە قارشى  كۈرەش باشقارمىسى ئەترەتلىرى، ئاقدېڭىزدا ئالجىرىيە ساھىللىرىدىكى بىر كېمىدە زەھەرلىك چېكىملىك بارلىقىدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، بۇ ئاخباراتنى ئىتالىيە ۋە ئىسپانىيە ئىستىخبارات ئورگانلىرىغا يەتكۈزگەن. ئارقىدىنلا ئىتالىيە ۋە ئىسپانىيە دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرى دەرھال ھەرىكەتكە ئۆتۈپ، ئالجىرىيە ساھىللىرىدىكى ماكېدونىيە بايرىقى قادالغان « ELG » ناملىق كېمىنى ئاختۇرغان، ئاختۇرۇش جەريانىدا 12 توننا زەھەرلىك چېكىملىكنى قولغا چۈشۈرگەن. بۇ ۋەقە مۇناسىۋىتى بىلەن نازارەت ئاستىغا ئېلىنغان ئۇكرائىنا پۇقراسى 8 كاپىتان قولغا ئېلىنغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر