تۈركىيە نىگېرىيەدە يۈز بەرگەن تېررورلۇق ھۇجۇملىرىنى ئەيىبلىدى

تۈركىيە، غەربىي ئافرىقا دۆلىتى نىگېرىيەنىڭ شەرقىي شىمالىدا يۈز بەرگەن تېررورلۇق ھۇجۇملىرىنى ئەيىبلىدى.

1220484
تۈركىيە نىگېرىيەدە يۈز بەرگەن تېررورلۇق ھۇجۇملىرىنى ئەيىبلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى يازما بايانات ئېلان قىلىپ، نىگېرىيەنىڭ بورنو ئۆلكىسىدە يۈز بەرگەن ئادەم بومبا ھۇجۇملىرىدا كۆپ ساندا ئادەمنىڭ جېنىدىن ئايرىغانلىقى ۋە يارىلانغانلىقىدىن قايغۇرۇش ئىچىدە خەۋەر تېپىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

باياناتتا، «بۇ خائىنلارچە تېررورلۇق ۋەقەسىنى ئەيىبلەيمىز، ھۇجۇمدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلارغا ئاللاھتىن رەھمەت، يارىدارلارغا تېز شىپالىقلار تىلەيمىز، نىگېرىيە خەلقى ۋە ھۆكۈمىتىگە تەزىيەلىرىمىزنى سۇنىمىز» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.

بورنو ئۆلكىسىگە قاراشلىق ماندارارى يېزىسىدا يەكشەنبە كۈنى كېچىسى بوكوھارام تېررورلۇق تەشكىلاتى ئەزالىرى 3 ئايرىم ئادەم بومبا ھۇجۇمى پەيدا قىلىپ، 30 ئادەمنىڭ ئۆلۈمى، 45 كىشىنىڭ يارىلىنىشىغا سەۋەب بولغانلىقى بىلدۈرۈلگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر