تۈركىيە ئارمىيەسى شىمالىي ئىراقتا تېررورچىلارغا زەربە بەردى

تۈركىيە ئارمىيەسى، سۈرىيە ھاكىمىيىتى كۈچلىرىنىڭ مۇراك رايونىدىكى 9 – نومۇرلۇق كۆزىتىش نۇقتىسىغا قىلغان ھۇجۇمىغا ۋاقتىدا ئىنكاس قايتۇردى.

1219248
تۈركىيە ئارمىيەسى شىمالىي ئىراقتا تېررورچىلارغا زەربە بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى مۇداپىئە مىنىستىرلىقى بايانات بېرىپ، ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ زەربە بېرىش ھەرىكىتىنىڭ تېررورچىلارنىڭ خاكۇركتىكى نىشانلىرىنى بىتچىت قىلىپ تاشلاش مەقسىتىدە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان «پەنچە» ھەربىي ھەرىكىتىگە ماس ھالەتتە ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

تۈركىيە ئارمىيەسى ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى، ئىراقنىڭ شىمالىدىكى مەتىنا ۋە قاندىل رايونلىرىدابۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك تەرىپىدىن ئىستىھكام، ئۆڭكۈر، پاناھلىنىش ئورنى ۋە ئوق – دورا ئىسكىلاتى قىلىپ ئىشلىتىلىۋاتقان جايلارنى بىتچىت قىلىپ تاشلىدى. ھەرىكەت ئەسناسىدا 7 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر