«ئەگە ۋە ئاقدېڭىزدا ئۆزىمىز ۋە شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھەق-ھوقۇقلىرىنى قوغدايمىز»

دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ھۇلۇسى ئاكار، تۈركىيەنىڭ ئەگە ۋە شەرقىي ئاق دېڭىزدا تۈركىيەنىڭ ھەق-ھوقۇقلىرىنى قوغداپ كېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

1206034
«ئەگە ۋە ئاقدېڭىزدا ئۆزىمىز ۋە شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھەق-ھوقۇقلىرىنى قوغدايمىز»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ھۇلۇسى ئاكار، تۈركىيەنىڭ ئەگە ۋە شەرقىي ئاق دېڭىزدا تۈركىيە ۋە شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھەق-ھوقۇقلىرىنى قوغداپ كېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

مىنىستىر ھۇلۇسى ئاكار تۈركىيەدىكى تاراتقۇلارنىڭ ئەنقەرە مەسئۇللىرى بىلەن كۆرۈشتى.

تاراتقۇ خادىملىرىغا خىتاب قىلغان مىنىستىر، گىرېتسىيە ۋە قىبىرس رۇم دائىرىلىرىنىڭ ئەگە ۋە شەرقىي ئاق دېڭىزدا ئېلىپ بېرىۋاتقان پائالىيەتلىرى ئۈستىدە توختالدى.

«ئەگە دېڭىزىدا ئىشەنچىنى ئاشۇرىدىغان تەدبىر ۋە ھەرىكەتلەر پىرىنسىپى»نى تەدبىقلاش ۋە ئۆز-ئارا ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش مەقسىتىدە بىر ھەيئەتنىڭ گىرېتسىيەنىڭ پايتەختى ئافېناغا ماڭغانلىقىنى ئېيتقان ئاكار: ھەيئىتىمىز قىزغىن كۈتۈۋېلىندى، ھازىر ھەيئىتىمىز قارشى تەرەپ بىلەن مۇزاكىرە ئۆتكۈزمەكتە، مۇزاكىرىلەر جۈمە كۈنىمۇ داۋاملىشىدۇ، نەتىجە چىققۇچە مۇزاكىرە ئۆتكۈزۈلىدۇ، ھەيئىتىمىزگە: تۈركىيە ۋە گىرېتسىيە ئوتتۇرىسىدا ئەگە، شەرقىي ئاقدېڭىز ۋە قىبرىسقا ئالاقىدار قانداق مەسىلە بولسا، ھەممىنى كۈنتەرتىپكە قويۇڭلار، دېدۇق. بىز تىنچلىقنى، ياخشى قوشىنىدارچىلىقنى ۋە دوستلۇقنى ياقلايمىز، ھېچكىمگە تەھدىت سالمايمىز، ھېچكىمگە ھۇجۇم قىلمايمىز، بىز پەقەت ئەزىز مىللىتىمىزنىڭ ھەق-ھوقۇقىنى قوغداشقا تىرىشىپ كېلىۋاتىمىز، دېدى.

تۈركىيەنىڭ گىرېتسىيە دائىرىلىرىنىڭ ئەگە، شەرقىي ئاقدېڭىز ۋە قىبرىس قاتارلىق رايونلاردىكى مەسىلىلەرنىڭ ھەل قىلىنىشىغا تۆھپە قوشۇشىنى ئارزۇ قىلىدىغانلىقىنى ئېيتقان ئاكار مۇنداق دېدى: «ھەيئىتىمىز مۇزاكىرىلەردە سوغۇققانلىق بىلەن ھەرىكەت قىلىپ ياخشى نەتىجە بىلەن قايتقۇسى.»

مىنىستىر ئاكار تۈركىيەنىڭ ئەگە، ئاقدېڭىز ۋە قىبرىستىكى ھەق-ھوقۇقلىرىنى قوغداپ كېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر