چاۋۇشئوغلۇ مېكسىكىدا تۈرك  جەمئىيەتلىرىنىڭ ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ تۈركىيەنىڭ مېكسىكا باش ئەلچىخانىسىدا بېرىلگەن زىياپەتتە مېكسىكىدا ياشاۋاتقان تۈرك  جەمئىيەتلىرىنىڭ ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشتى.

1204561
چاۋۇشئوغلۇ مېكسىكىدا تۈرك  جەمئىيەتلىرىنىڭ ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كۇبادىكى زىيارىتىنى تاماملىغاندىن كېيىن جەنۇبىي ئامېرىكا زىيارىتى دائىرىسىدە مېكسىكىغا يېتىپ بارغان چاۋۇشئوغلۇ، تۈركىيەنىڭ مېكسىكا باش ئەلچىسى تاھسىن تىمۇر سۆيلەمەزنىڭ ساھىبخانىلىقىدا بېرىلگەن زىياپەتكە ئىشتىراك قىلدى، ھەمدە بۇ يەردە مېكسىكىدا  ياشاۋاتقان ياشاۋاتقان تۈرك  جەمئىيەتلىرىنىڭ ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشتى.

چاۋۇشئوغلۇنىڭ زىيارىتى دائىرىسىدە مەركىزى مېكسىكىدىكى بىر تەتقىقات ئورنىنىنىڭ ھەمكارلىقى ئاستىدا چاقىرىلىدىغان ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا نۇتۇق سۆزلىشى، يىغىندىن كېيىن مېكسىكا جۇمھۇرىيەت پالاتاسىنىڭ باشلىقى مارتى باترېس ۋە مېكسىكا دىپلوماتىيە مىنىستىرى ماركېلو ئېبرارد بىلەن كۆرۈشۈشى كۈتۈلمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر