تۈركىيە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ باياناتىغا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈردى
تۈركىيە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ بىلەن ئامېرىكا دىپلوماتىيە مىنىستىرى پومپېيونىڭ ئۇچرىشىشىغا ئالاقىدار باياناتىنىڭ رېئاللىقنى ئەكس ئەتتۈرمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
![تۈركىيە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ باياناتىغا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈردى](http://cdn.trt.net.tr/images/xlarge/rectangle/098a/ea0b/fbd1/5c5beea521575.jpg?time=1718753432)
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ھامى ئاقسوي بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا، چاۋۇشئوغلۇ بىلەن پومپېيو ئوتتۇرىسىدىكى ئۇچرىشىشتىن كېيىن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتقا ئالاقىدار سوئالغا يازما جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى: «ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان ۋە ئۇچرىشىشتىن بۇرۇن تەييارلانغانلىقى ئوچۇق - ئاشكارا ھالدا بىلىنىپ تۇرىدىغان بايانات رېئاللىقنى ئەكس ئەتتۈرمەيلا قالماستىن، يەنە باياناتتا، ئۇچرىشىشتا كۈنتەرتىپكە كەلمىگەن مەسىلىلەرگە ئورۇن بېرىلگەن. ئىلگىرىكى ئۇچرىشىشلاردىمۇ شۇنداق ئەھۋاللار ئوتتۇرىغا چىققان بولۇپ، بۇنداق باياناتلار تېخىمۇ دىققەت بىلەن ئېلان قىلىنىشى، بولۇپمۇ ئۇچرىشىشتا ئورۇن ئالمىغان خۇسۇسلارغا ئورۇن بېرىلمەسلىكى، ئارىمىزدىكى ئىتتىپاقداشلىق مۇناسىۋەتلىرىنىڭ تەبىئىي تەقەززاسىدۇر.»
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
![تۈركىيە ئەزەربەيجاننىڭ كېلەچىكى ئۈچۈن ھەمنەپەس بولماقتا](http://cdn.trt.net.tr/images/medium/rectangle/6e67/9b77/98a9/66716af7bff4b.jpg?time=1718753432)
تۈركىيە ئەزەربەيجاننىڭ كېلەچىكى ئۈچۈن ھەمنەپەس بولماقتا
تۈركىيە دوست ۋە قېرىنداش دۆلەت ئەزەربەيجاننىڭمۇ كېلەچىكى ئۈچۈن ھەمنەپەس بولماقتا.
![ئىراقنىڭ شىمالىدا 3 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى](http://cdn.trt.net.tr/images/medium/rectangle/e0cb/10b5/a712/66713b2bde92e.jpg?time=1718753432)
ئىراقنىڭ شىمالىدا 3 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى
ئىراقنىڭ شىمالىدا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك ئەزاسى 3 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى.