تۈركىيە ئىراققا ياردەم بەردى
تۈرك غەۋۋاس ئەترەتلىرى ئىراقنىڭ مۇسۇل شەھىرىدە يۈز بەرگەن كېچىك كېمىسى قازاسىدا يوقاپ كەتكەنلەرنى ئىزدەش - قۇتقۇزۇش پائالىيەتلىرى دائىرىسىدە «دىجلە دەرياسى» دىن بىر بالىنىڭ جەسىتىنى تاپتى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىراق ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئەترەتلىرى بىلەن ھەمكارلاشقان تۈركىيە دېڭىز ئارمىيەسى قوماندانلىق ئىشتابىدىن 20 كىىشلىك غەۋۋاس ئەترىتى بىلەن İHH ئىنسانىي ياردەم فوندى سۇ ئاستى ئىزدەش - قۇتقۇزۇش ئەترىتى، مۇسۇلدىن تەخمىنەن 30 كىلومېتىر يىراقلىققا جايلاشقان ھامام ئەلئەلىل يېزىسىدا 15 ياشلىق تۈركمەن بىر بالىنىڭ جەسىتىنى تاپتى.
ئىگىلىنىشىچە، تۈرك غەۋۋاسلارنىڭ ھاۋا شارائىتىنىڭ قاتتىق ناچار بولۇشىغا قارىماي ئىراقنىڭ مۇسۇل شەھىرىگە جايلاشقان «دىجلە دەرياسى» بويىدىكى ئىزدەش - قۇتقۇزۇش پائالىيەتلىرى داۋاملاشماقتا ئىكەن.
مۇسۇل شەھىرىدە 21 – مارت كۈنى بىر كېچىك كېمىسىنىڭ كۆمتۈرۈلۈپ كېتىشى نەتىجىسىدە تەخمىنەن 100 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغان، 60 كىشى قۇتۇلۇپ قالغانىدى. ۋەقەدىن كېيىن يوقاپ كەتكەن 100 گە يېقىن كىشىنى ئىزدەش - قۇتقۇزۇش خىزمىتى ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەنىدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
تۈركىيە ئەزەربەيجاننىڭ كېلەچىكى ئۈچۈن ھەمنەپەس بولماقتا
تۈركىيە دوست ۋە قېرىنداش دۆلەت ئەزەربەيجاننىڭمۇ كېلەچىكى ئۈچۈن ھەمنەپەس بولماقتا.
ئىراقنىڭ شىمالىدا 3 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى
ئىراقنىڭ شىمالىدا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك ئەزاسى 3 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى.