چاۋۇشئوغلۇ، مۇسۇلمان دۆلەتلەرنىڭ «گولان تۆپىلىكلىرى» قارارىنى ئەيىبلىمەسلىكىدىن نارازى بولدى

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ، ئامېرىكىنىڭ گولان تۆپىلىكلىرى توغرىسىدىكى قارارىغا قارىتا كۆپلىگەن مۇسۇلمان دۆلەتلەرنىڭ سۈكۈت قىلىشىنى ئەيىبلىدى.

1172330
چاۋۇشئوغلۇ، مۇسۇلمان دۆلەتلەرنىڭ «گولان تۆپىلىكلىرى» قارارىنى ئەيىبلىمەسلىكىدىن نارازى بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ خەلقئارا قانۇن ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) قارارلىرىغا خىلاپ ھالدا چىقارغان گولان تۆپىلىكلىرى توغرىسىدىكى قارارىغا قارىتا كۆپلىگەن مۇسۇلمان دۆلەتلەرنىڭ سۈكۈت قىلىشىنى ئەيىبلىدى.

مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ تۈنۈگۈن ئانتاليادا سۆز قىلىپ، «ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ پىرېزىدېنتى خەلقئارا قانۇننى، ب د ت قارارلىرىنى كۆزگە ئىلمىغان ھالدا بىر قەغەزگە ئىمزا قويدى. يەنى گولان تۆپىلىكلىرى، سۈرىيەنىڭ زېمىنلىرى بۈگۈنگىچە رايوننى ئىشغال قىلىپ ياتقان ئىسرائىلىيەنىڭ زېمىنلىرى بولارمىش. بىزدىن باشقا بۇنىڭغا نارازىلىق بىلدۈرگەن مۇسۇلمان دۆلەت بارمۇ؟ ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقى قەيەردە، ئەرەب بىرلىكى قەيەردە؛ ھەمكارلىق قەيەردە؟» دەپ سورىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر