تۈركىيە كولومبىيەدە يۈز بەرگەن تېررورلۇق ھۇجۇمىنى ئەيىبلىدى

تۈركىيە كولومبىيەنىڭ پايتەختى بوگوتادا يۈز بەرگەن تېررورلۇق ھۇجۇمىنى قاتتىق ئەيىبلىدى.

1128305
تۈركىيە كولومبىيەدە يۈز بەرگەن تېررورلۇق ھۇجۇمىنى ئەيىبلىدى

+ تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان يازما باياناتىدا، ئەنقەرەنىڭ كۆپ ساندا ساقچىلارنىڭ جېنىغا زامىن  بولغان ۋە يارىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان تېررورلۇق ھۇجۇمىنى قاتتىق ئەيىبلەيدىغانلىقى، بۇ ۋەقەدىن تولىمۇ ئەپسۇسلىنىدىغانلىقى تەكىتلىنىپ مۇنداق دېيىلدى: «بۇ خائىنلارچە تېررورلۇق ھۇجۇمىنى قاتتىق ئەيىبلەيمىز، ھۇجۇمدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ يېقىن – يورۇقلىرىغا تەزىيە بىلدۈرىمىز، يارىلانغانلارغا شىپالىق تىلەيمىز.»

ئىگىلىنىشىچە، كولومبىيەنىڭ پايتەختى بوگوتانىڭ جەنۇبىدىكى ساقچى مەكتىپىدە يۈز بەرگەن تېررورلۇق ھۇجۇمىدا 21 كىشى ئۆلگەن، 68 كىشى يارىلانغان.

كولومبىيە باش تەپتىشى نېستور ھۇمبېرتو مارتىئېز، ھۇجۇمنىڭ جاۋابكارىنىڭ كولومبىيە پۇقراسى جوسې ئالدېمار روجاس رودرىگۇئېز ئىكەنلىكىنى، زوراۋاننىڭ ھۇجۇمدا 80 كىلوگىرام پارتلاتقۇچ ئىشلەتكەنلىكىنى ئۇقتۇرغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر